باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى
2008- 03- 24 18:42 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

    5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى 1912–يىل 5–مايدىن 22–ئىيونغىچە شۋىتسىيىنىڭ سىتوكھولىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۇلگەن .

     ئەسلىدە گىرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرى 5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۇش ھوقوقىغا ئېرىشكەنىدى ،ئەمما 1909–يىل مايدا گېرمانىيە ئولىمپىك كومتىتىنىڭ رەئىسى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ،گىرمانىيە ھۆكۈمىتى 5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقوقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ،خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتى قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق شىۋىتسىيىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشىگە قوشۇلغان .

     5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە ،شىۋىتسىيە ،تۈركىيە روسىيە ،فېنلاندىيە شۋىتسىيە ،تۈركىيە ، روسىيە ،فېنلاندىيە ،ئامرىكا قاتارلىق 28دۆلەتتىن كەلگەن 2547ماھىر قاتناشقان .ئافرىقىدىن مىسىر تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ،ئاسيادىن سۈرىيە بىلەن ياپونىيە تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان ،شۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە قاتناشقان ئادەم سانىدا يېڭى رىكوت يارىتىلغان .

     5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى ،شۋېتسىيە خان جەمەتىدىكىلەر بوكىس مۇسابىقىنسىنى بىر خىل ۋەھشىيلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىغاچقا ،بوكىس مۇسابىقىسىنىڭ 5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىن ئورۇن ئېلىشىغا قوشۇلمىغان ،شۇنىڭ بىلەن بوكىس مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ،ئەمما يەنە نۇرغۇن مۇسابىقە تۈرلىرى قوشۇلغان .

     ماھىرلار 5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە 102كىچىك تۇر بويىچە مۇسابىقىلەشكەن .مۇسابىقىدە ئامرىكا تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 25ئالتۇن مېدال ،19كۈمۈش مېدال ،19مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى بويىچە 1–بولغان ،ساھىبخانا شۋېتسىيە تەنتەربىيە ۋەكىللىرى 24ئالتۇن مېدال ،24كۈمۈش مېدال 17مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى بويىچە 2–ئورۇندا ،ئەنگىلىيە تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئون ئالتۇن مېدال 15كۈمۈش مېدال ،16مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى بويىچە 3–ئورۇندا تۇرغان .

     5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا شۋېتسىيە پادىشاھى قاتارلىق شۋېتسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ،خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتېنىڭ رەئىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق قاتنىشىپ ،باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ جەلپكارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان .

     5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يېنىك ئاتلېتكا ماھىرى جېم سوب بەش تۈردە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن ،بىر تۈردە 3–لىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ ،مۇكاپات ئېلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ،باشقىلارنىڭ قارا چاپلىشى بىلەن ئۇنىڭ شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى پۈتكۈل نەتىجىسى ئىناۋەتسز قىلىنغان ،ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ماھىرلار ئۇنىڭغا راستلا ئۇۋال بولدى ،ئۇ راستلا چېمپىيون بولغان ،بىز بۇ مۇكاپاتقا لايىق ئەمەس دېيىشكەن .1982–يىلىغا كەلگەندە خەلىقئارا ئولىمپىك كومتېتى جېم سوبىنىڭ ھەقىقەتەن قارىلانغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ،1983–يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومتېتىنىڭ رەئىسى سامۇرانچ لوس –ئانژېلىسقا بېرىپ ،جىمنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆز قولى بىلەن جېم ئېلىشقا تىگىشلىك مۇكاپاتنى بەرگەن .
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ