باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قۇملۇق ساھىلى ۋالىبولى
2008- 03- 24 17:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

   1993 – يىلى، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى مونتېكارلودا يىغىن ئېچىپ، قۇملۇق ساھىلى ۋالىبولىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتتى. تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇملۇق ساھىلى ۋالىبول مۇسابىقىسى 1996– يىلى 7– ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدىكى 10 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. 24 ئەرلەر كوماندىسى ۋە 24 ئاياللار كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى. قۇملۇق ساھىلى ۋالىبولى 27– ۋە 28– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. قۇملۇق ساھىلى ۋالىبول تەنھەرىكىتىنىڭ بازارغا يۈزلىنىشى ۋە كەسىپلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، قۇملۇق ساھىلى ۋالىبول تەنھەرىكىتىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىمۇ كۈنسېرى ئاشماقتا. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ