|
1964– يىلى، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ۋالىبول تۇنجى قېتىم مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 10 ئەرلەر كوماندىسى ۋە 6 ئاياللار كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىدى. 2004– يىلىدىكى ئافىنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغىچە، ۋالىبولنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس سارايغا كىرگىنىگە توپ توغرا 40 يىل بولدى. بۇ شەرەپ ۋە شىرىن خىيالغا تولغان 40 يىلدا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ كۆلۈمى دەسلەپكى 10 ئەرلەر كوماندىسى ۋە 6 ئاياللار كوماندىسىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھازر ئەر– ئاياللار ھەر قايسىسى 12 كوماندىغا يەتتى. بۈگۈنگە قەدەر، 7 ئەرلەر كوماندىسى ۋە 4 ئاياللار كوماندىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋالىبول چىمپيونى شەرىپىگە ئېرشىتى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2 قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپيونى بولدى .
|