|
1896 – يىلى، گرېتسىيىدىكى ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىدىلا شىتانكا كۆتۈرۈش9 رەسمىي مۇسابىقە تۈرىنىڭ بىرسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. شۇ قېتىملىق مۇسابىقدە ئېغىرلىق بويىچە دەرىجىگە ئايرىلمىدى، شىتانكا كۆتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە بىر قولدا ۋە ئىككى قولدا كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈر تەسىس قىلىندى. ئەنگىلىيىلىك لاۋ ئېلىئاۋت 71 كلوگراملىق شىتانكىنى كۆتۈرۈپ، بىر قولدا كۆتۈرۈشتە چىمپيون بولدى؛ دانىيىلىك ماھىر 115.5 كلوگراملىق شىتانكىنى كۆتۈرۈپ ئىككى قولدا كۆتۈرۈشتە چىمپيون بولدى. 1905– يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6– نۆۋەتلىك دۇنيا شىتانكا كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدە شىتانكا كۆتۈرۈش مۇسابىقە تۈرى تۇنجى قېتىم بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە 3 دەرىجىگە ئايرىلدى. ئەينى چاغدا ئېغىرلىق دەرىجىسى 3 كە بۆلۈنگەن بولۇپ، يەنى 70 كلوگراملىقلار، 80 كلوگراملىقلار ۋە 80 كلوگراملىقتىن يۇقىرىلاردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈندى. كۆتۈرۈش ئۇسۇلى ئوڭ، سول قولىدا بىراقلا كۆتۈرۈش، ئىككى قولدا ئىتتىرىپ كۆتۈرۈش، ئىككى قولدا تىنىپ كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت 4 خىل بولدى. ئاخىرىدا گېرمانىيىلىك ماھىر بىلەن ئاۋىسترىيىلىك ماھىر ئۈچ دەرىجە بويىچە ئالدىنقى 3– لىككىچە دەرىجىگە ئېرىشتى. 1905– يىلى خەلقئارا شىتانكا كۆتۈرۈش بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. مۇسابىقە ئۇسۇلىمۇ تەدرىجىي ئاددىيلىشىپ، ئېغىرلىق بويىچە ئايرىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قائىدىسى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى تەدرىجىي مۇنتىزىملاشتى. ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى 20– ئەسىرنىڭ 40– يىللىرىدا ئامېرىكىدا باشلاندى. 20– ئەسىرنىڭ 70– يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش خەلقئارا مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەشكە باشلىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو 1984– يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس– ئانژىلىس شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 23– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم شىتانكا كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. جۇڭگولۇق ماھىرلار 10 دەرىجە ئىچىدە 4 دەرىجە بويىچە چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ ئاياللار شىتانكا كۆتۈرۈش تۈرى 20– ئەسىرنىڭ 80– يىللىرىنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، كېچىكىپ باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما تېز تەرەققىي قىلىپ، بۇ تۈر بويىچە بىراقلا دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى دۆلەتلەردىن بولوپ قالدى. 2000– يىلى، ئاۋىسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 27– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىدە، ئاياللارنىڭ شىتانكا كۆتۈرۈش مۇسابىقە تۈرى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو ئۆزى قاتناشقان ئاياللارنىڭ 4 دەرىجە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 2004– يىلى گىرىتسىيىدىكى ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ ئەرلەر شىتانكا كۆتۈرۈش كوماندىسى 2 ئالتۇن مېدالغا، ئاياللار كوماندىسى 4 دەرىجە بويىچە 3 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
|