|
پەي توپ 1873– يىلى ئەنگىلىيىنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدىكى بادمىنتون قورۇقىدىن باشلانغان، 1988– يىلى سىئۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، 1992– يىلىدىن باشلاپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى بولدى ھەمدە ئەر، ئايال يەككە ئويناش ۋە جۈپ ئويناش تۈرى بويىچە 4 ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىندى. 1996– يىلىدىكى ئاتلانتا پەي توپ مۇسابىقىسىدا يەنە ئەر، ئايال ئارىلاش ئويناش تۈرى كۆپەيتىلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى پەي توپ تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدال سانىنى 5 كە يەتكۈزدى. 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پەي توپ مۇسابىقىسى 8– ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 17– كۈنىگىچە بېيجىڭ سانائەت ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پەي توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ سانىنىڭ 172 ئادەم ئىچىدە چەكلىنىدىغانلىقىنى، ھەر بىر تۈرگە دۇنيادىكى رەت – تەرتىپى بويىچە يەككە ئويناشتىكى ئالدىنقى 38– ئورۇندىكى ماھىر، ئەر، ئايال ئارىلاش ئوينايدىغان 16 جۈپ ماھىرنىڭ بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. ئەمما ھەر بىر تۈرگە 5 قىتئەدىن ئاز بولغاندىمۇ بىر ياكى بىر جۈپ ماھىر قاتنىشىشى كېرەككەن. ساھىپخان دۆلەتتىن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرنىڭ سانى ئىككىدىن كەم بولسا بولمايدىكەن. پەي توپنىڭ مۇسابىقە مەيدانى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 13.4 مېتر، يەككە ئويناش مەيدانىنىڭ كەڭلىكى 5.18 مېتر، جۈپ ئويناش مەيدانىنىڭ كەڭلىكى 6.1 مېتر كېلىدۇ. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى پەي توپ مۇسابىقىسىگە ئىشلىتىلىدىغان پەي توپ چوقۇم دۇنيا پەي توپچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك، پالاقنى تەنھەرىكەتچى ئۆزى تەييارلايدۇ. پەي توپ مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئىككى تەرەپ تەڭگە تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق توپ باشلايدىغان تەرەپ ۋە مەيدان رايونىنى تاللايدۇ. 2006– يىلى 5 – ئايدا، دۇنيا پەي توپچىلار بىرلەشمىسى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق ۋەكىللەر يىغىنىدا 21 نومۇرلۇق يېڭى مۇسابىقە تۈزۈمىنى بېكىتتى، بۇ يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇشۇ مۇسابىقە تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 1992– يىلىدىكى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن 2004 – يىلىدىكى ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگىچە، جۇڭگونىڭ پەي توپ ماھىرلىرى 8 ئالتۇن مېدال،4 كۆمۈش مېدال ۋە 9 مىس مېدالغا ئېرىشكەن.
|