|
1904– يىلى ئامېرىكىدىكى سائېنت لۇئىستا ئۆتكۈزۈلگەن3 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ۋاسكىتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم ۋاسكىتبول ئويۇنى كۆرسەتتى. 1936– يىلىدىكى11– نۆۋەتلىك بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئەرلەر ۋاسكىتبول تۈرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. ئاياللار ۋاسكىتبول تۈرى، 1976– يىلىدىكى 21 – نۆۋەتلىك مونترېئال ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاندىن رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.
خەلقئارا ۋاسكىتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق باش كاتىپى ستانكوۋىچ مۇنداق دېدى: 1936– يىلىنى ۋاسكىتبول تارىخىدىكى مۇھىم بىر يىل دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ۋاسكىتبول تۈرىنىڭ ئولىمپىك سەھنىسىگە چىقالىشى، ۋاسكىتبول تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. 11– نۆۋەتلىك بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىمالىي ئامېرىكا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئافرىقىدىن كەلگەن 21 كوماندا ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئەينى چاغدىكى بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى كوللېكتىپ مۇسابىقە تۈرى ئىچىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا سانى ئەڭ كۆپ بولغان تۈرگە ئايلىنىپ، ۋاسكىتبول تەنھەرىكىتىنىڭ غايەت زور سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلدى. ھازىر، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە پەقەت ئەرلەر، ئاياللاردىن ئىبارەت ئىككى كوللېكتىپ تۈرگە ئالتۇن، كۆمۈش، مىستىن ئۈچ مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، دۇنيا ۋاسكىتبول ساھەسىدىكى مۇھىم مۇسابىقىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئىلگىرىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىكى ۋاسكىتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دۇنيادىكى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىگە مەركەزلەشكەن. ئامېرىكىنىڭ ئەرلەر، ئاياللار كوماندىسى ئالاھىدە كۈچلۈك. 1992– يىلى كەسپىي ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇش ۋە ئامېرىكا خەلقئارا ۋاسكىتبولچىلار جەمئيىتى NBA نىڭ توپچىلارنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم دۇنيا دەرىجىلىك كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ NBA كوماندىسى بىلەن بولغان پەرقى تەدرىجىي كىچىكلىمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگونىڭ داڭلىق ۋاسكىتبول ماھىرى ياۋ مىڭ ۋە يى جيەنليەن نىڭ ئامېرىكا خەلقئارا ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى NBA دا توپ ئوينىشى، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىغا ئاساس سالدى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئەرلەر، ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى — ئاسىيادىكى سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ئىككى كوماندا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى 2004– يىللىق ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىدە 8 – لىككە ئىرىششتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن؛ جۇڭگو ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى 23 – نۆۋەتلىك لوس ئانژىلس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.
|