|
قورغان توپ تەنھەرىكىتىنى—ئامېرىكىلىق گېئورگى خانكوك بىلەن لېۋىس روبېي 1887– يىلى ۋە 1895– يىلى ئىلگىرى– كېيىن بولۇپ ئىجاد قىلغان. قورغان توپ تەنھەرىكىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىنتايىن كومىدىيىلىك دېيىشكە بولىدۇ. 1887– يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىدە، يېلۇ ئونىۋېرسىتېتى كاماندىسى خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتى كاماندىسىنى ئۇتىۋالىدۇ. مۇسابىقىدىن كېيىن چىكاگودىكى بىر قېيىقچىلار كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، يېلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇكىسچىلار پەلىيىدىن بىرنى خارۋار ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا ئاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خارۋاد ئۇنىسۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بىر سۈپۈرگە تاياق بىلەن بۇكىسچىلار پەيلىنى ئۇرماقچى بولىدۇ، ئەينى چاغدا نەق مەيداندىكى چىكاگو سودا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى گېئورگى خانكوك بۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىپ، ئويۇن ئۇسۇلىنى بېكىتىپ چىقىدۇ ھەمدە دوستلىرى ئارىسىدا بۇ ئويۇننى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، بۇكىسچىلار پەلىيىنىڭ ئورنىنى توپ، سۈپۈرگە تايىقىنىڭ ئورنىنى توپ كالتىكى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈرلۈك يېڭى تەنھەرىكەت مەيدانغا كېلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قورغان توپ تەنھەرىكىتىنىڭ قائىدىسىنى ئەڭ دەسلەپتە گېئورگى خانكوك 1889– يىلى تۈزگەن ئىكەن. قورغان توپ تەنھەرىكىتى دەسلەپتە ئۆي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان، 1895– يىلى ئۆت ئۆچۈرۈش خادىمى لېۋىس روبېي بۇ تەنھەرىكەتنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، ئۆت ئۆچۈرگۈچى خادىملارنىڭ ئۆت سىگنالى ساقلاشتىن ئىلگىرىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى قىلغان. كېيىن، كىشىلەر بىرلەشمە مۇسابىقە تەشكىللەشكە ھەمدە بۇ تەنھەرىكەتنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان. 1926– يىلى بۇ تەنھەرىكەت ‹‹ قورغان توپ تەنھەرىكىتى›› دەپ ئاتالدى، ھەمدە بىرلىككە كەلگەن قائىدە بېكىتلدى. 2– دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، قورغان توپ تەنھەرىكىتى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. 1952– يىلى خەلقئارا قورغان توپچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى، نۆۋەتتە 127 دۆلەت ۋە رايون ئەزا بولدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قورغان توپ تەنھەرىكىتى بىلەن كالتەك توپ تەنھەرىكىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ پەرقى قورغان توپى بىر قەدەر چوڭ، ئەمما مۇسابىقە مەيدانى كىچىكرەك، قورغان ئارىلىقى ۋە توپ ئېتىش ئارىلىقى قىسقاراق ئىكەن.
|