|
مۇسابىقە قېيىقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ بىرسى. مۇسابىقە قېيىقى —بىر ياكى بىر قانچە پالاقچى قېيىقتا قېيىقنىڭ ئىلگىرىلەش نىشانغا دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ، مۇسكۇل كۈچىنى ئىشلىتىپ، پالاق ۋە پالاق جازىسىنىڭ پىشاڭ رولى ئارقىلىق، قېيىقنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. قېيىقنىڭ رولچىسى بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدۇ. مۇسابىقە قېيىقى مۇسابىقىسى دەريا ۋە كۆللەر قاتارلىق تەبىئىي سۇدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھاۋانىڭ ساپ، قۇياش نۇرىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ئادەم بەدىنىنىڭ قان – تومۇر ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، موسكۇللارنى كۈچەيتىپ، نېرۋا سىستېمىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. مۇسابىقە قېيىقى تەنھەرىكەتچىلىرى ئۆپكىسىنىڭ نەپەس ئېلىش سىغىمچانلىقى ھەر قايسى تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدە 1– ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، 7 مىڭ مىللىلىتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا بەزىلەر مۇسابىقە قېيىقى تەنھەرىكىتىنى ئۆپكە گىمناستىكىسى دەپ ئاتايدۇ.
مۇسابىقە قېيىقى تەنھەرىكىتى ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن. 17– ئەسىردە تايمىس دەرياسىدىكى كېمە خىزمەتچىلىرى دائىم كېمە ھەيدەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزەتتى. 1890– يىلى ئەنگىلىيە ھازىرقى زامان مۇسابىقە قېيىقىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسىنى بېكىتتى. 1892– يىلى ئىتالىيىدىكى تۇرىندا خەلقئارا مۇسابىقە قېيىقچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى، ئەينى چاغدا پەقەت 6 ئەزاسى بار ئىدى. 1896– يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 1– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇسابىقە قېيىقى رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. 1976– يىلىدىن باشلاپ ئايال تەنھەرىكەتىچلەرنىڭمۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە قېيىقى تۈرىگە قاتنىشىشىغا روخسەت قىلىندى. 1996– يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يېنىك دەرىجىلىك مۇسابىقە قېيىقى مۇسابىقىسى ۋە يېڭى قائىدە يولغا قويۇلۇپ، ئەرلەر، ئاياللارنىڭ يېنىك دەرىجىلىك مۇسابىقە قېيىقى تۈرى بىرلا ۋاقىتتا تەسىس قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە قېيىقىنىڭ مۇسابىقە تۈرى 14 كە يەتتى. خەلقئارا مۇسابىقە قېيىقچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتتە 120 دۆلەت ۋە رايوندا ئەزا جەمئىيىتى بار. 1997– يىلى خەلقئارا مۇسابىقە قېيىقچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش شتابى شۋېتسارىيىنىڭ لاۋساننىدا تەسىس قىلىندى .
|