|
ئوقيا ئېتىش پائالىيىتى قەدىمكى ئافرىقا، ياۋرۇپا، ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردا ئومۇملاشقان. جۇڭگونىڭ ئوقيا ئېتىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئوقيا كونا تاش قوراللىرى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىلا بارلىققا كەلگەن، ئوقيا ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ئوۋ ئوۋلاش ۋە ئۇرۇش قىلىشتىكى مۇھىم قورالى ھېسابلىناتتى. ھازىرقى زامان ئوقيا ئېتىش تەنھەرىكىتى 14–ئەسىردە ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن. 16–ئەسىردە ئوقيا ئېتىشنىڭ ئۈچ خىل شەكلى پەيدا بولدى: بىرىنچىسى، نىشان قارىغا ئېلىنىدىغان ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى، ئىككىنچىسى، يەر يۈزى نىشان قىلىنغان ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى، ئۈچۈنچىسى، ئايلىنىپ ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى. 1673–يىلى ئەنگىلىيىدە خان جەمەتى ئوقيا ئاتقۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى ئوقيا ئاتقۇچىلار تەشكىلىغا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تۇنجى قېتىم ئاياللارنى ئەزالىققا قوبۇل قىلغان جەمئىيەت بولۇپ قالدى. 18–ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى ئامېرىكىغا كىردى، 1828–يىلى فىلادېلفىيە ئوقيا ئاتقۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. 1844–يىلى 1–نۆۋەتلىك ئەنگىلىيە ئوقيا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 1861–يىلى ئەنگىلىيە ئوقيا ئاتقۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، مۇسابىقە قائىدىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.
ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەگرى توقاي تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ 1972–يىلىغا كەلگەندە، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋى بولغان ئوقيا ئېتىش تۈرىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پروگراممىسىغا رەسمىي كىرگۈزدى.ئەرلەر، ئاياللار كوللېكتىپ تۈرى 1988–يىلى ئاندىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. ئوقيا ئېتىش تۈرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئەرلەر ئوقيا ئېتىش تۈرىدە ئامېرىكىلىقلار ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلدى، ئاياللار ئوقيا ئېتىش تۈرىدە كورىيىلىك ماھىر ئۈستۈنلۈككنى ئىگىلەپ كەلدى. جۇڭگونىڭ ئاياللار كوماندىسىمۇ مۇسابىقىدە بەلگىلىك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە.
|