|
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېلىشىش تۈرى قەدىمچە چېلىشىش ۋە ئەركىن چېلىشىش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. چېلىشىش__ قەدىمقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 1 مىڭ 500 يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، 1896– يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئورنىنى قايتا تاپتى. ھازىرقى زامان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى قەدىمقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار تەنتەربىيە تۈرى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، تەبىئىي ھالدا چېلىشىشنى تاللىدى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى قەدىمقى زاماندا دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەۋج ئالغان، يەنى گىرىتسىيە، بابىلوندىن تارتىپ ھىندىستان، جۇڭگو ۋە ياپونىيىگىچە تارالغان. شۇڭا ئۇلار قەدىمىي گىرىتسىيە ۋە رىم چېلىشچىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىنى شۇ پېتى دوراپ،‹‹قەدىمچە چېلىشىش›› نى قايتا نامايەن قىلدى. 1896– يىلى ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن 1– نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، قەدىمچە چېلىشىش تۈرى تەسىس قىلىندى ،18– ئەسىرنىڭ ئاخىرى، يەنە بىر خىل تېخىمۇ ئەركىن بولغان چېلىشىش شەكلى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا ئەۋج ئالدى. ئەركىن چېلىشىشتا چېلىشچىلارنىڭ رەقىبىنى پۇتى بىلەن پۇتلاپ يىقىتىشىغا، قارشى تەرەپنىڭ بېلىنىڭ ئۈستى قىسمى ياكى بېلىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى چاڭگاللىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى مۇسابىقىدە، ماھىرلار دەرىجە ئايرىماي بىللە مۇسابىقىگە قاتنىشاتتى، بۇنداق قىلغاندا ،ئېغىرلىقى بىر قەدەر ئېغىر ماھىرلار بەلگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، دائىم سېمىزلار ئورۇقراقلارنى يېڭىۋېلىپ، مۇسابىقىدە بىر تەرەپكە ئېغىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، چېلىشىش مۇسابىقىسى ئېغىرلىقى بويىچە دەرىجىگە ئايرىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. ئاياللارنىڭ چېلىشىش تۈرى 2004– يىلىدىكى ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئاندىن رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. ئاياللار چېلىشىش تۈرىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى چېلىشىشچىلار بىرلەشمىسى زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. قوللانغان ئەڭ ئاساسلىق ۋاستىسى، ئەرلەر چېلىشىش تۈرىنىڭ دەرىجىسىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت بولدى. ئەڭ دەسلەپ قەدىمچە چېلىشىش ۋە ئەركىن چېلىشىشنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ 10 دەرىجىسى بار ئىدى، كېيىن ھەر ئىككىلىسى 7 دەرىجىگە چۈشۈرۈلدى، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ چېلىشىش تۈرى ئاندىن ئولىمىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرەلىدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاياللار چېلىشىش تۈرىگە پەقەت 4 دەرىجە بويىچە مۇسابىقە تەسىس قىلىنغان.
|