|
1896 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 1– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىلا يەلكەنلىك كېمە رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما ئەينى چاغدا ھاۋا ناچار بولغانلىقتىن، 1– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمىدى. 1900– يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 2– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى 7 دەرىجىدە بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. 1908– يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 4 – نۆۋەتلىك ئولىمىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى بويىچە دەرىجىگە ئايرىلىدىغان بولدى. مۇسابىقە دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ كېمىلەرمۇ ئۆزگەرتىلدى. ئەينەك پولاتنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن كېمە ياساش تەننەرخى تۆۋەنلەپ، ھۈنەر – سەنئەت سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، يېنىك، ئەپچىل بولغان كىچىك تىپتىكى يەلكەنلىك كېمىلەر كونا پاسوندىكى كېمىلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بەلگىلەنگەن مۇسابىقە دەرىجىسىدە، كىچىك تىپتىكى يەلكەنلىك كېمىلەر تەدرىجىي چوڭ تىپتىكى يەلكەنلىك كېمىلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە باشلىدى. 1976– يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 21– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، 6 دەرىجە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە كىچىك يەلكەنلىك كېمە ئىشلىتىلدى. يەلكەنلىك كېمە ئەسلىدە ئەر، ئاياللار ئارىلاش تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ، 1988– يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئەرلەر، ئاياللار تۈرى ئايرىۋېتىلدى. 2004 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 28 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىدە 11 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ 4 تۈرى، ئاياللارنىڭ 4 تۈرى بار، بۇنىڭدىن سىرت 3 تۈر ‹‹ئاشكارە›› تۈر بولۇپ، ئەر، ئايال تەنھەرىكەتچىلەر بىرلا ۋاقىتتا مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. يەلكەنلىك كېمە تەنھەرىكىتىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىياتى خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتىنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىدى.
|