|
ياپونچە چېلىشىش —ياپونىيىنىڭ قەدىمكى زامانىدىكى جۇجىتسۇدىن بارلىققا كەلگەن. ياپونىيە مىڭجېي 10–يىلى، ياپونىيىلىك ياش جاناجىۋۇلاڭ كۆپ خىل جۇجىتسۇ ئېقىمىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ياشلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش ماھارەت سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇنى ‹‹ ياپونچە چېلىشىش›› دەپ ئاتىدى. 1956–يىلى، توكيودا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ياپونچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 1978– يىلى خەلقئارا ياپونچە چېلىشىشچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا ياپونچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى رەسمىي قارار قىلدى ھەمدە ئاياللار ياپونچە چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە كونكرت بەلگىلىمە چىقاردى. 1980– يىلى 11– ئايدا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئاياللار ياپونچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، ئەينى چاغدا 27 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 150 تىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى. 1992– يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 25 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ ياپونچە چېلىشىش تۈرى رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.
1979– يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو ياپونچە چېلىشىش تەنھەرىكەتچىلىرىنى پائال تەربىيلەشكە باشلىدى، كېيىن ياپونچە چېلىشىش تەدرىجىي جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قانات يايدى. 1986–يىلى 12–ئايدا، گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4 –نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار ياپونچە چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگونىڭ ئاياللار ياپونچە چېلىشىش ماھىرى گاۋ فېڭليەن 72 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرشتى، بۇ جۇڭگولۇق ياپونچە چېلىشىش ماھىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىئونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. 1992–يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگونىڭ ئاياللار ياپونچە چېلىشىش ماھىرى جۇاڭ شياۋيەن 72 كلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ چېمپىئونى بولدى؛ 1996–يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىدە، جۇڭگونىڭ ئاياللار ياپونچە چېلىشىش ماھىرى سۈن فۇمىڭمۇ 78 كلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ چېمپىئونى بولدى؛ 2000–يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگونىڭ ئاياللار ياپونچە چېلىشىش ماھىرى يۈەن خۇا 78 كلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ چېمپىئونى بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياپونچە چېلىشىش تۈرىدىكى چوڭ دەرىجىلىكلەر بويىچە ئۇدا ئۈچ يىل چېمپيۇن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2004–يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىدە، جۇڭگونىڭ ئاياللار ياپونچە چېلىشىش ماھىرى شى دوڭمېي 52 كلوگراملىقلار مۇسابىقىسىدە چېمپىئون بولدى، جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ياپونچە چېلىشىش تۈرىىنىڭ كىچىك دەرىجىلىكلەر مۇسابىقسىدە تۇنجى قېتىم بۆسۈش ھاسىل قىلىشى ھېسابلىنىدۇ
|