باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرى
2008- 03- 24 17:12 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

      1896– يىلى، گرتسىيىدىكى ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىدە، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش9 رەسمىي مۇسابىقە تۈرىنىڭ بىرسىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئېغىرلىق بويىچە دەرىجىگە ئايرىلمىدى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە بىر قولدا ۋە ئىككى قولدا كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈر تەسىس قىلىندى. ئەنگىلىيىلىك لاۋ ئېلىئاۋت 71 كلوگراملىق شىتانكىنى كۆتۈرۈپ، بىر قولدا كۆتۈرۈشنىڭ چېمپيونى بولدى؛ دانىيىلىك ماھىر 115.5 كلوگراملىق شىتانكىنى كۆتۈرۈپ ئىككى قولدا كۆتۈرۈش چىمپيونى بولدى. 1905– يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6– نۆۋەتلىك دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېنپىئونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقە تۈرى تۇنجى قېتىم ئېغىرلىق بويىچە دەرىجىگە ئايرىلدى. ئەينى چاغدا ئېغىرلىق دەرىجىسى 3 كە بۆلۈنگەن بولۇپ، يەنى 70 كىلوگراملىق، 80 كىلوگراملىق ۋە 80 كىلوگراملىقتىن يۇقىرى دەرىجىدىن ئىبارەت. كۆتۈرۈش ئۇسۇلى ئىككى قولدا بىراقلا كۆتۈرۈش، ئىككى قولدا ئىتتىرىپ كۆتۈرۈش، ئىككى قولدا تىك كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت 4 خىل بولدى. ئاخىرىدا گېرمانىيىلىك ماھىر بىلەن ئاۋىسترىيىلىك ماھىر ئۈچ دەرىجىدە بويىچە ئالدىنقى 3 لىككە ئېرىشتى. 1905– يىلى خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. مۇسابىقە ئۇسۇلىمۇ تەدرىجىي ئاددىيلىشىپ، ئېغىرلىق بويىچە ئايرىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قائىدىسى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى تەدرىجىي مۇنتىزىملاشتى. ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى 20– ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدا ئامېرىكىدا باشلاندى. 20– ئەسىرنىڭ 70– يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئاۋىسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش خەلقئارا مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەشكە باشلىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو 1984– يىلى ئامېرىكىنىڭ لوسئانژىلىستا ئۆتكۈزۈلگەن 23– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. جۇڭگولۇق ماھىرلار 10 دەرىجە ئىچىدە 4 دەرىجە بويىچە چېمپىئونلۇققا ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، كېچىكىپ باشلانغان بولسىمۇ ئەمما تېز تەرەققىي قىلىپ، بۇ تۈر بويىچە بىراقلا دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى دۆلەتكە ئايلاندى. 2000 – يىلى، سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن 27– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىدە، ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقە تۈرى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو ئاياللارنىڭ 4 دەرىجە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 2004 – يىلى گرتسىيىدىكى ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ ئەرلەر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسى 2 ئالتۇن مېدالغا، ئاياللار كوماندىسى 4 دەرىجە بويىچە 3 ئالتۇن مېدالغا ئېرشتى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ