|
تەخمىنەن 5 مىڭ يىل بۇرۇن، ئىنسانلار ئاتنىڭ سۈرئىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئات ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلىرىدىكى مۇھىم ھەمراھىغا ئايلاندى. چەۋەندازلىق ئەسلىدە ئادەمنىڭ ئاتقا مىنىپ ئۇنى تىزگىنلەش ماھارىتى ئىدى، ھازىر تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ مۇسابىقە مەيدانىدا ئادەم بىلەن ئاتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئالاھىدە تەنتەربىيە تۈرىگە ئايلاندى.
جۇڭگونىڭ چەۋەندازلىق تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، جۇڭگونىڭ چەۋەندازلىق تەنھەرىكىتىمۇ بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن. جۇڭگونىڭ خەن ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىلىرىدە، پادىشاھتىن پۇقراغىچە، مەيلى ئەر ياكى ئايال، مەيلى قېرى ياكى ياش بولسۇن ھەممىسى ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىش، ئات توپى ئويناش قاتارلىق چەۋەندازلىق ئويۇنلىرىغا قىزىقاتتى. چەۋەندازلىق تەنھەرىكىتىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچىسى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مۇسابىقە تۈرى، بۇ تۈر ئاتقا سىرتماق سېلىش، ئوغلاق تارتىش، ياۋا ئات مىنىش شۇنداقلا تۈرلۈك سۈرئەتتىكى ئات مۇسابىقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچىسى، خەلقئارا چەۋەندازلار بىرلەشمىسى ئېتىراپ قىلغان رەسمىي مۇسابىقە تۈرى، بۇ تۈر مەيداندا توساقتىن ئۆتۈش، ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقە، تىزگىنىنى تارتىپ ئاتنى توختىتىش، چىداملىق مۇسابىقىسى، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچۈنچىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن چەۋەندازلىق كىيمى كىيىپ ئاتنى مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ماڭدۇرۇش، مەيداندا توساقتىن ئۆتۈش ۋە ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقىدىن ئىبارەت. چەۋەندازلىق مۇسابىقىسىدىكى چەۋەندازنىڭ ياش چەكلىمىسى: ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقە ۋە مەيداندا توساقتىن ئۆتۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چەۋەندازلارنىڭ يېشى 18 ياشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، چەۋەندازلىق كىيمى كىيىپ ئاتنى مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ماڭدۇرۇشقا قاتنىشىدىغان چەۋەندازنىڭ يېشى 16 ياشتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئاتنىڭ يېشى بولسا ئەڭ كىچىك بولغاندا 7 ياش بولۇشى كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئاتلار تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ھەمدە خەلقئارا چەۋەندازلار بىرلەشمىسى ئېتىراپ قىلغان رەسمىي پاسپورتقا ئىگە بولۇشى كېرەك. مەيداندا توساقتىن ئۆتۈش ۋە چەۋەندازلىق كىيمى كىيىپ ئاتنى مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ماڭدۇرۇش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چەۋەندازلار چوقۇم رەسمىي مۇسابىقە كىيمى كىيىشى كېرەك. چەۋەندازلىق مۇسابىقسىدە نامايەن قىلىنىدىغىنى ئادەم بىلەن ئاتنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى بولغاچقا، چەۋەندازلىققا ئوخشاش ئەر، ئايال ئوخشاش شارائىتتا بىر مەيداندا مۇسابىقە قىلىدىغان تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىنتايىن ئاز. ھالبۇكى ئايال چەۋەندازلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ئۇلارنىڭ چەۋەندازلىق مۇسابىقىسىدە ئەرلەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 1921– يىلى 11– ئاينىڭ 24– كۈنى، خەلقئارا چەۋەندازلار بىرلەشمىسى پارىژدا قۇرۇلدى. نۆۋەتتە بۇ جەمئىيەتكە ئەزا دۆلەت ۋە رايون تەرەققىي قىلىپ 134 كە يەتتى.
|