باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ بوكس مۇسابىقە تۈرى
2008- 03- 24 17:10 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

       مىلادىدىن بۇرۇنقى 688 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 23 – نۆۋەتلىك قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، بوكس تەنھەرىكىتى رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە تەدرىجىي قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە تەنتەربىيە تۈرىگە ئايلانغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 616 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 41 – نۆۋەتلىك قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە ياشلار ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقە تۈرى كۆپەيتىلگەن. ھازىرقى زامان ئىشتىن سىرتق بوكس تەنھەرىكىتى 1904– يىلى ئامېرىكىنىڭ سانلوئىستا ئۆتكۈزۈلگەن 3 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىدە رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. شۋېتسارىيىلىكلەر بوكس تەنھەرىكىتى ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىغاچقا  5– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بۇ تۈر تەسىس قىلىنمىدى. 6 –، 12–، 13–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1 –، 2 – دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلمىدى. 2004– يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغىچە، بوكس مۇسابىقىسى 21 نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىگە قاتناشتۇرۇلدى.

       بوكس تەنھەرىكىتى ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىگە كىرگەندە، مۇسابىقە ۋە رېپىر قائىدىسى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، نۇرغۇن مۇسابىقىدە ئەينى چاغدىكى كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسىنى ئۆرنەك قىلغان. مۇسابىقە دەرىجىسى ئەينى چاغدىكى كەسپىي بوكس مۇسابىقە دەرىجىسى بويىچە 7 دەرىجىگە ئايرىلغان، ھەمدە ئۆز دەرىجىسىدە چېمپيون بولغان ماھىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئېغىر بولغان يەنە بىر دەرىجىدىكى مۇسابىقىكىگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. 4 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىسى 5 كە چۈشۈرۈلدى. مۇسابىقە ئۇسۇلى 3– نۆۋەتلىككە ئوخشاش بولۇپ، تەنھەرىكەتچى دەرىجە ھالقىپ مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. 1920– يىلىدىن 1948– يىلىغىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىسى 8؛ 1952– يىلىدىن 1964– يىلىغىچە 10 بولدى.1968– يىلىدىن 1976– يىلىغىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىسىگە يەنە 48 كلوگراملىقلار قوشۇلۇپ، بوكس مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىسى 11 گە يەتتى؛ ھالبۇكى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئەسلىدىكى يېنىك دەرىجە، ئوتتۇرا دەرىجە قاتارلىق ئاتالغۇلار ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇپ، سانغا ئۆزگەرتىلدى. 1980– يىلىدىن 2000– يىلىغىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىسى يەنە 12 دەرىجىگە كۆپەيتىلدى؛ 2004 – يىلى، خەلقئارا ئىشتىن سىرتقا بوكسچىلار بىرلەشمىسى يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئاساسەن، ئىشتىن سىرتقا بوكس مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىسىنى 12 دەرىجىدىن 11 دەرىجىگە چۈشۈردى. بوكس تەنھەرىكىتىنىڭ رېقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ھازىرقى زامان ئولىمىپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگىچە پەقەت ئەرلەر بوكس مۇسابىقىسى تۈرى تەسىس قىلىنغان، ئاياللار بوكس مۇسابىقىسى تۈرى تەسىس قىلىنمىغان.   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ