باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
29 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ كالتەك توپ تۈرى
2008- 03- 24 17:09 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     كالتەك توپ تەنھەرىكىتى— بىر خىل توپنى كالتەك بىلەن ئۇرۇش ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىنغان، كوللېكتىپچانلىقى، قارشىلىشىش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان توپ تۈرىدىكى تەنھەرىكەت تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

     ئۇنىڭ خەلقئارادىكى تارىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ ‹‹ماھارەت ۋە ئەقىل– پاراسەتنىڭ بىرلىشىشى›› دەپ قارىلىدۇ، بۇ تۈر ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىدە بەكرەك ئومۇملاشقان. ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كالتەك توپنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئەنگىلىيىنىڭ پالاق توپى ئىكەن. 1839– يىلى، ئامېرىكىلىق دوبداي ھازىرقى زامان كالتەك توپى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى تەشكىللىگەن. 1845– يىلى، ئامېرىكىلىق ئالېكساندر  بىرلىككە كەلگەن ئىسىم ۋە ئويناش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۈچۈن تارىختىن بۇيانقى تۇنجى كالتەك توپ مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسىنى بېكىتىپ چىقتى. شۇ قېتىم بېكىتىلگەن مۇسابىقە مەيدانىنىڭ شەكلى ۋە ئۆلچىمى ھازىرغىچە داۋاملىق پايدىلىنىلماقتا، ھەمدە كالتەك توپ دېگەن ئىسىم رەسمىي ئىشلىتىلدى. ئۇنىڭدىكى كۆپ سانلىق قائىدىلەرمۇ ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە،‹‹كالتەك توپ›› دېگەن ئىسىممۇ قوللىنىلماقتا. شۇڭا، ھازىرقى زامان كالتەك توپىنى ئەنگىلىيىدە بارلىققا كېلىپ ئامېرىكىدا تەرەققىي قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. 1873– يىلى كالتەك توپ ئامېرىكىدىن ياپونىيىگە كىردى. ياپونىيىنىڭ كەسپىي كالتەك توپ كوماندىسى 1934– يىلى قۇرۇلغان. 2– قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، كالتەك توپ ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. ھازىر كالتەك توپ تەنھەرىكىتى دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا قانات يايدۇرۇلدى. 1937– يىلى، ئامېرىكىدا دۇنيا كالتەك توپچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى، كېيىن خەلقئارا پالاق توپچىلار بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىلدى. بۇ دۇنيادىكى ئىشتىن سىرتقى كالتەك توپچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولۇپ، باش شىتابى ئامېرىكىدا تەسىس قىلىنغان، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 20– ئەسىرنىڭ 70– يىللىرىدىكى 50 نەچچە دۆلەتتىن ھازىرقى 113 دۆلەتكە كۆپەيدى. 1978– يىلى خەلقئارا كالتەك توپچىلار بىرلەشمىسى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشىپ، 1994– يىلى باش شىتابىنى شۋېتسارىيىنىڭ لائۇسانغا تەسىس قىلدى. جۇڭگو كالتەك توپچىلار بىرلەشمىسى 1981– يىلى 3– ئايدا خەلقئارا كالتەك توپچىلار بىرلەشمىسىگە، 1985– يىلى ئاسىيا كالتەك توپچىلار بىرلەشمىسىگە قاتناشتى. 
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ