باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
7– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
2008- 03- 24 16:53 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     7– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1920 – يىلى (4 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 9 – ئاينىڭ 21 – كۈنىگىچە)بېلگىيىدىكى ئانتۋېرپتا ئۆتكۈزۈلدى.

     1912 – يىلىدىكى ستوكھولم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغىچە، ئارىلىقتا توپتوغرا سەككىز يىل ئۆتتى. بۇ مەزگىلدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى.بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى، 1914– يىلى ئېچىلغان ئولىمپىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بولۇپ، قۇرۇلتايدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مۇھىم ئىشلار قارار قىلىنغان:

     بىرىنچىدىن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەش ھالقىلىق بايرىقى بىلەن گېربى بېكىتىلگەن؛ ئىككىنچىدىن، فرانسۇز، ئېنگىلىز، نىمىس تىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قانۇنلۇق تىلى قىلىنغان؛ ئۈچىنچىدىن، تۇنجى قېتىم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتلىرى ۋە  خەلقئارا يەككە تەنھەرىكەت تۈرى تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

     ئۇزۇن ئۆتمەي بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ، ئەسلى1916– يىلى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 6– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇمكىن بولمىغان. ئۇرۇش ئوتى پارىژغا زور خەۋپ ئېلىپ كەلگەچكە،1915 – يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش شىتابى شىۋېتسارىيىدىكى لوزانناغا يۆتكەلگەن. 1918– يىلى بۇداپىشت، لىئون، ئانتۋېرپ قاتارلىق تۆت شەھەر 7–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇسابىقىنى ئانتۋېرىپتا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

     ئانتۋېرپ بىلگىيىدىكى ئۆلكە مەركىزى بولۇپ، ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ سودا مەركىزى ۋە دۇنيادىكى چوڭ پورتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئانتۋېرپ شەھەر ئاھالىسى 30مىڭغا يېقىن كىشى سىغىدىغان بىر تەنتەربىيە مەيدانى بىلەن باشقا تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ياسىغان، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ داشقال ياتقۇزۇلغان يۈگۈرۈش يولىنىڭ ئايلانمىسى 400مىتېر بولۇپ، بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان ياسالغان تۇنجى ئۆلچەملىك يۈگۈرۈش يولى ئىدى.

1920 –يىل 8– ئاينىڭ 14– كۈنى 7– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. 7– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 1– دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان 32 تەنھەرىكەتچىگە تەزىيە بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تۇنجى قېتىم تېنچلىقنىڭ سېمۋولى بولغان كەپتەرنى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قويۇپ بەرگەن. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كوبېرتىن لايىھىلىگەن بەش ھالقىلىق بايرىقىمۇ تۇنجى بولۇپ ئىشلىتىلگەن. مۇسابىقە مەيدانىدا غەلىبە ھەم يورۇقلۇقنىڭ سېمۋولى بولغان مەشئەل يېقىشمۇ، تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىلىنىڭ قەسەم بېرىشىمۇ؛ مۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولغان تەنھەرىكەتچىلەر سانىغا چەك قويۇشمۇ مۇشۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

    بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىغا جەمئىي29 دۆلەت قاتناشقان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى جازالاش ئۈچۈن، خەلقئارا  ئولىمپىك كومىتېتى ئۇلارنى مۇسابىقىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلماسلىقنى قارار قىلغان. لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىمۇ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، ئەمدىلا قۇرۇلغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەكلىپ قىلمىغان. ئارگېنتىنا، موناكو، برازىلىيە، يۇگۇسلاۋىيە،چىخسلوۋاكىيە تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان.بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا جەمئىي 2مىڭ607  ماھىر قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە67 ئايال ماھىر بار ئىدى. مۇسابىقە تۈرى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقە تۈرى ئاساسىدا  كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا كىرگۈزۈلمىگەن ئەركىن چېلىشىش، بوكىس، زەيتۇن توپ قاتارلىقلار بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، 16 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلمىغان شىتانكا كۆتۈرۈش تۈرىمۇ  بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن پىگورا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تۈرى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن باشقا، تۇنجى قېتىم مۇز توپ تۈرىمۇ كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئاخىرقى قېتىم قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈش بولۇپ قالغان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يەنە تۇنجى قېتىم مۇسابىقە قېيىقى مۇسابىقىسىدە ھەر بىر يەككە تۈرگە ھەر بىر دۆلەتنىڭ بىرلا قېيىق قاتناشتۇرۇشىنى بەلگىلىگەن. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ