|
1 –نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى 1896–يىل6–ئاپىرىلدىن 15–ئاپىرىلغىچە گىرىتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
1894–يىل ئىيۇندا اىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەنتەربىيە يىغىنىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قۇرۇلغان ھەمدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى گرىتسىيىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان. يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى گرىتسىيىدە باشلانغانلىقى ئۈچۈن، تۇنجى نۆۋەتلىك نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى گرىتسىيىدە ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان. تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە ئاۋىسترىيە، ئاۋىسترالىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە، شىۋىتسىيە، دانىيە، بۇلغارىيە، ۋېىگىرىيە قاتارلىق 13دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 311ماھىر قاتناشقان ھەمدە توققۇز چوڭ يۈر، 45كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلەشكەن، بىراق بۇ 311ماھىرنىڭ 230گرىتسىيىلىك ئىدى.
گەرچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار كۆپ بولمىسىمۇ ، بۇ مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى 80مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن كۆرگەن، ھەتتا بۇ سان 1932–يىللىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قەدەر رېكورت بولۇپ كەلگەن.
تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈلگەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بېرىلىشتىن ئىلگىرى ھەرقايسى ماھىرلارنىڭ تەۋەلىكى بويىچە بايراق چىقىرىلغان ھەمدە دۆلەت شېئىرى ئورۇندالغان.
بۇ مۇسابىقىدە تۇنجى بولۇپ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى خاتىرە ماركىسى تارقىتىلغان. گەرچە مۇسابىقىگە گرىتسىيىنىڭ 230ماھىرى قاتناشقان بولسىمۇ، گرىتسىيە تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئون ئالتۇن مېدال، 19كۆمۈش مېدال، 17مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئالتۇن مېدال ئومومىي سانى بويىچە2– ئورۇندا تۇرغان؛ ئامېرىكىدىن ئاران 14ماھىر قاتناشقان بولسىمۇ ،ئۇلار 11ئالتۇن مېدال، 19كۆمۈش مېدال، 17مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئالتۇن مېدال ئومونىي سانى بويىچە 1–ئورۇندا تۇرغان . شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە جەمىئىي 41ئالتۇن مېدال، 43كۆمۈش مېدال، 35مىس مېدال تارقىتىلغان . ئامېرىكا ماھىرى كاننۇل ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسىدە 13.71مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چىمپىيون بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى ئالغان.
گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى ئولىمپىك تەنھەركەت كومىتېتى جۇڭگوغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بولسىمۇ ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلمەسلىكى تۈپەيلى جۇڭگو ماھىرلىرى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان.
|