|
2–نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى1900–يىل5–ئاينىڭ20–كۈنىدىن(5–ئاينىڭ14–كۈنى دېگەن قاراشلارمۇ بار) 10–ئاينىڭ 28 كۈنىگىچە پارژدا ئۆتكۈزىلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ئىلگىرى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىگە ئەر ماھىرلارلا قاتنىشىشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلىپ، تۇنجى قېتىم 11ئايال ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشقان. گەرچە ئايال ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى كومىتېتىنىڭ رەسمىي ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى نېمىلا دېگەن بىلەن ئاياللارنىڭ دۇنيا تەنتەربىيە مۇنبىرىگە ئاتلىنىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان، كوللىكتىپ تۈر تۇنجى قېتىم بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرى زور دەرىجىدە كۆپەيتىلگەن، ئالدىنقى نۆۋەتتىكى توققۇز تۈر 17 تۈرگە يەتكۈزۈلگەن، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ۋە چېلىشىش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقيا ئېيىش، چەۋەندازلىق، سۇ توپى، مۇسابىقە كارتېرى، يلكەنلىك كېمە، پۇتبول، زەيتۇن توپ، گولف توپ، تېننىس توپ،قاتارلىق تۈرلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمى كوللىكتىپ مۇسابىقە تۈرى ئىدى. يېنىك ئاتلىتكا تۈرىگە تۇنجى قېتىم توسالغۇ مۇسابىقىسى، ئورۇندا تۇرۇپ سەكرەش مۇسابىقىسى (ئېگىزگە، يىراققا سەكرەش ۋە ئۈچ ئاتلاپ يىراققا سەكرەش)، كوللىكتىپ يۈگۈرۈش ۋە ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى كىرگۈزۈلگەن، ئەمما بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۈرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى كېيىن تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 2–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى رەسمىي خۇلاسە خاتىرىسى قالدۇرمىغاچقا، پالاق توپ، چەۋەندازلىق ۋە ئوقيا ئېتىشقا ئوخشاش بەزى تۈرلەرنىڭ زادى رەسمىي مۇسابىقە تۈرىمۇ ياكى ماھارەت تۈرىمۇ دېگەن تالاش– تارتىشلار ھازىرغىچە مەۋجۇت.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرىشى چېچىلاڭغۇ بولغان. قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسى 6–ئايغا، يېنىك ئاتلىتكا، گىمناستىكا مۇسابىقىسى 7–ئايغا، سۇ ئۈزۈش ، مۇسابىقە كارتېرى مۇسابىقىسى8–ئايغا، ۋېلىسىپىتمۇسابىقىسى9–ئايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ‹‹مارافون››چە تەنھەركەت مۇسابىقىسى دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە مۇسابىقىدىن بۇرۇن پائال تەييارلىق قىلىنمىغان، مۇسابىقىدىن كېيىنمۇ رەسمىي خۇلاسە چىقىرىلمىغان، مۇسابىقە ئەھۋالى خاتىرسىدە نۇرغۇن نۇقسان قالغان. ساھىبخانا بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. فرانسىيە جەمئىي 26 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن، بۇمۇ ھەم فرانسىيىنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر قېتىم. ئەمما ساھىبخانا ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدال تارقاتمىغاچقا ، نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر پەقەتلا مۇكاپات لوڭقىسى ، مۇكاپات لەۋھەسى ۋە كۈنلۈك، تاماكا قېپى، ھەميان قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارغىلا ئېرىشكەن. +
|