|
1 – ئايدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې خېين ۋىلبېرگىننى 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى .
1– فېۋرال ، 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى تەشكىللەندى .
7– فېۋرال ، 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پەن – تېخنىكا كومىتېتى قۇرۇلدى.
13 – ئىيۇل ، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى تۈزگەن ‹‹بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەرىكەت پىلانى›› رەسمىي ئېلان قىلىندى . ‹‹يېڭىچە بېيجىڭ ، يېڭىچە ئولىمپىك›› تىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي تېما ۋە‹‹يېشىل ئولىمپىك ، پەن – تېخنىكا ئولىمپىكى، ئىنسانىي ئولىمپىك››تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىدىيە ئوتتۇرغا قويۇلدى .
|