|
6– يانۋار ، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەڭشىدى ، رەئىسلىككە ليۇ چى ، 1 – مۇئاۋىن رەئىسلىككە چېن جىلى ، ئىجرائىيە رەئىسلىكىگە ليۇ پېڭ ، ۋاڭ چىشەن ، دېڭ پۇفاڭ تەيىنلەندى .
26– ئىيۇن ، 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي شۇئارى—‹‹ئوخشاش بىر دۇنيا ، ئوخشاش بىر ئارزۇ›› رەسمىي ئېلان قىلىندى .
5– ئۆكتەبىر ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى شياڭگاڭ ئات ئويۇنى كومىتېتى (ئولىمپىك ئات ئويۇنى كومىتېتى) رەسمىي قۇرۇلدى .
11– نويابىر ، 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى . بېلىق ، مۈشۈكئېيىق ، ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى ، تىبەت بۆكىنى ، ئالتۇن قارلىغاچقا سىمۋول قىلىنغان بەش شادىمان بالا كىشلەرنى جەلپ قىلدى ، ئۇلارنىڭ ئىسمى بېيبېي ، جىڭجىڭ ، خۇەنخۇەن ، يىڭيىڭ ، نىنى ، يەنى خەنزۇچە ئاھاڭدا ‹‹ بېيجىڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ››، دەپ ئاتالدى .
|