باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشقا ئائىت چوڭ ئىشلار(2006 – يىلى)
2008- 03- 21 18:30 شىنجاڭ گېزىتى

     16 – ئاپرېل ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئېچىلىش ، يېپىلىش مۇراسىمىنى لايىھىلەش ئۆمىكى تەكلىپ قىلدى ، جاڭ يىمو باش رېژىسورلۇققا ، جاڭ جىگاڭ ، چېن ۋېييا مۇئاىن رېژىسورلۇققا تەيىنلەندى .

     29– ئاپرېل ، 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى بېكىتىلدى ، بۇ تۈرلەر 28 چوڭ تۈر ، 302 كىچىك تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇنىڭ  ئىچىدە ئەرلەر ، ئاياللار ۋە ئەر– ئايال ئارىلاش مۇسابىقىسى كىچىك تۈرلىرى 165 ، 127 ۋە ئون قىلىپ بېكىتىلدى .

     5– ئىيۇن بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بازار ئېچىش پىلانى بېيجىڭدا رەسمىي باشلاندى .

     7– ئاۋغۇست ، 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەنھەرىكەت سىن بەلگىسى ئېلان قىلىندى .

     28– ئاۋغۇست ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى . 

      6– سېنتەبىر ، بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى قۇت كالا— لېلې ئېلان قىلىندى . 

      1– ئوكتەبىر ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ