باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشقا ئائىت چوڭ ئىشلار(2007 – يىلى)
2008- 03- 21 18:33 شىنجاڭ گېزىتى

       19– يانۋار ، بېيجىڭ شەھىرىدىن باشقا ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پىدائىي قۇبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى . 

      27 – مارت ، 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالىنىڭ نۇسخىسى ئېلان قىلىندى . مېدالنىڭ ئالدى تەرىپىگە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىر تۇتاش بەلگىلىگەن نەقىش ، مېدالنىڭ كەينى تەرىپىگە جۇڭگونىڭ قەدىمىي ئەجدىھا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قاشتېشى بېزىكى ، مېدالنىڭ كەينى تەرىپى ئوتتۇرىسىدىكى مېتال نەقىشنىڭ ئۈستىگە 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن . 

       28– مارت ، شياڭگاڭ ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ، چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلار ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىنى قوبۇل قىلىش باشلاندى . 

       15 – ئاپرېل ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 29 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىنى دۇنيا ئاممىسىغا ئالدىن سېتىشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى . 

      27 – ئاپرېل ، 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش لىنىيىسى ، شۇنداقلا مەشئەل داغدۇغىلىق ئېلان قىلىندى . قىزىل رەڭ بىلەن كۈمۈش رەڭ گىرەلەشتۈرۈلگەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلى ئاممىغا كۆرسىتىلدى . 

      17 – ئىيۇل ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان – ساراي قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى . 

       4– ئاۋغۇست ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى تەتۈر ساناش باشلانغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجاد قىلىنغان تېماتىك ناخشا—‹‹بىز تەييارلىنىپ بولدۇق›› ئېلان قىلىندى . 

       8 – ئاۋغۇست ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى تەتۈر ساناشنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا 205 دۆلەت ۋە رايونغا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تەكلىپى چىقاردى . 

       6 – سېنتەبىر ، بېيجىڭ 2008 – يىللىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى تەتۈر ساناشنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بېيجىڭدىكى جۇڭخۇا ئەسىر مۇنبىرىدە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى ئېلان قىلىدى ھەم ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كومىتېتىغا بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىگە قاتنىشىش تەكلىپنامىسىنى ئەۋەتتى . 

      14– نويابىر ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بېيجىڭدا 2008 – يىللىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مېدال نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى . بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالىنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۇرى ، لايىھىسى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مېدالىنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۇرى ۋە لايىھىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، ‹‹ئىككى ئولىمپىك ، ئوخشاشلا قالتىس بولۇش›› تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، ‹‹ئوخشاش بىر دۇنيا ،  ئوخشاش بىر ئارزۇ›› ئاساسىي تېمىسى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن .

     بېيجىڭ 2008 – يىللىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالىنىڭ ئالدى تەرىپىنى قاشتېشى بىلەن نەقىشلەشتە جۇڭگونىڭ قەدىمقى زاماندىكى قاشتېشى نۇسخىسى ئۆرنەك قىلىنغان ، ئوتتۇرىسىدا 2008 – يىللىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى بار ؛ قاشتېشىنىڭ رەڭگى ئالتۇن ، كۈمۈش ، مىس مېدالغا ئاساسەن سەل پەرقلىنىدىغان بولۇپ ئاق قاشتېشى ، ئاق كۆك ئارلاشقان قاشتېشى ، كۆك قاشتېشىدىن تەركىب تاپقان . مېدالنىڭ كەينى تەرىپىدە خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى ۋە تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ نامى ، شۇنداقلا ‹‹بېيجىڭ 2008 – يىللىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى››نىڭ جۇڭگوچە ، ئىنگلىزچە ئەمالار يېزىقى بار . مېدالنىڭ ئاسما ھالقىسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قوش ئەجدىھا نۇسخىسىدىن ئۆزگەرتىلگەن . 

      7– ئايدىن 12 – ئايغىچە ، ‹‹ ئامەتلىك بېيجىڭ›› نىڭ 26 تۈرلۈك سناق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن 42 تۈرلۈك خەلقئارا مۇسابىقىسىنى ئويۇشتۇرىدۇ ، بۇ ‹‹ئامەتلىك بېيجىڭ›› تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىنىپ ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدانى ، شۇنداقلا مۇسابىقە تۈرلىرىنى تەشكىللەشنى ئومۇميۈزلۈك مەشىق قىلىدۇ . 2007 – يىلى 7 – ئايدىن 12 – ئايغىچە ، 26 تۈرلۈك مۇسابىقە ئويۇشتۇردى ، بۇنىڭ ئىچىدە 23 تۈرلۈك مۇسابىقە بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى ، قالغان ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقە شياڭگاڭ ، چېڭداۋ ، شېنياڭ  ۋە چىڭخۇاڭداۋدا ئۆتكۈزۈلدى .

     ئۆتكۈزۈلۈپ بولغان بۇ مۇسابىقە تۈرلىرى داۋامىدا 5000 تەنھەرىكەتچى ، خەلقئارا يەرككە تۈردىكى تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئەمەلدارى ۋە تېخنكا خادىمى ، شۇنداقلا ئون مىڭغا يېقىن مۇخبىر كۈتۈۋېلىندى . ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن زىچ مۇسابىقە تۈرلىرى ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرىنى تەشكىللەش خىزمىتىگە نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك سناق بولدى . 2008 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ، يەنە 16 تۈرلۈك سىناق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ .  

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ