باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشقا ئائىت چوڭ ئىشلار(2008 – يىلى)
2008- 03- 21 18:36 شىنجاڭ گېزىتى

      10– يانۋار ، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دۇ دېيىن ئولىمپىك كەنتى (مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنت)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ھەركەت ئەترىتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى . بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ خاۋ ئولىمپىك كەنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ھەركەت ئەترىتىنىڭ 1 – مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى .

     بۇ ئىككى باشلامچى شەخىستىن باشقا ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى يەنە مەركەزدىكى ئورگان ، بېيجىڭ شەھىرى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار كەسپىي ئورۇنلاردىن بىر تۈركۈم خىللانغان ، قابىل كىشلەرنى تاللاپ ئولىمپىك كەنتى ھەركەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى تولۇقلىدى . بۇ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى .   

     11– يانۋار ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانى — ئولىمپىك ۋاسكېتبول سارىيى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى . بېيجىڭ ئولىمپىك ۋاسكېتبول سارىيى ‹‹ بەش تۈپ قارىغاي›› مەدەنىيەت تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ ، بۇ جايدا 2008 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ . ئومۇمىي كۆلىمى 168 مىڭ كوۋادرات مېتىر ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 63 مىڭ كوۋادرات مېتىر بولۇپ ، 18 مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ . 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە بۇ جايدا ‹‹ئامەتلىك بېيجىڭ ›› ئاياللار ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ۋە 2008 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ . 

      16– يانۋار ، بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى بېيجىڭ رايونىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى ئاشكارلىدى . مەشئەل يەتكۈزۈش لىنىيىسىنىڭ تاللىنىشى ھاياتى كۈچكە تولغان، 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي بېيجىڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايەن قىلدى . لىنىيە شىسەنلىڭ ، تەنجې ئىبادەتخانىسى ، جۇكۇدىيەن قاتارلىق مەشھۇرئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرى ھەم جۇڭگۈەنسۈن يۇقىرى پەن – تېخنىكا باغچىسى ۋە فېڭتەي باش شىتاب بازىسى ۋەكىللىكىدىكى پەن – تېخنىكا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەنزىرە نۇقتىسىدىن ئۆتۈپلا قالماي ، يەنە شۇگاڭ ۋەكىللىكىدىكى يېشىل ئولىمپىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسغا يەتكۈزۈلىدۇ . بادالىڭدىكى سەددىچىن سېپىلىدىن دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى—‹‹نياۋچاۋ››غىچە بولغان ئومۇمىي لىنىيە خەنزۇچىدىكى ‹‹ئىناق›› دېگەن سۆزنى شەكىللەندۈرىدۇ . بۇ ئولىمپىك مەشئىلى ‹‹ئىناقلىق ساياھىتى››نىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

     2008– يىللىق خەلقئارا چاقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەكلىپ مۇسابىقىسى 20 – يانۋاردىن 25 – يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . كانادا ، گوللاندىيە ، ئاۋسترالىيە، جۇڭگو ئەرلەر كوماندىسى ، گېرمانىيە ، كانادا ، ياپونىيە ، جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى قاتارلىق سەككىز كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى . بۇ مۇسابىقە بۇ يىلقى بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر قېتىملىق ئەمەلىي مەشىق مۇسابىقىسى . ئامېرىكا ، ياۋروپا دۆلەتلىرى بېيجىڭدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەڭ كۈچلۈك كوماندا ئەۋەتتى ، ئافېنا مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مېيىپلار چاقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە ئالتۇن ، كۈمۈش ، مىس مېدالغا ئېرىشكەن كوماندىلار دۆلەت تەنتەربىيە سارىيىغا يىغىلدى .

 


 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ