باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
3 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
2008- 03- 21 18:54 شىنجاڭ گېزىتى

     1– ۋە 2– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 3– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قەيەردە ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكا ماھىرلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 3– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. بۇ قارار ئامېرىكىنى لەرزىگە سالغان، ئامېرىكىدىكى شەھەرلەر بەس– بەستە بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان، نۇرغۇن تالاش– تارتىش ۋە باھالاش ئارقىلىق سائېنت– لوئىس شەھىرى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ھوقوقىغا ئېرىشكەن.

     3–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1904– يىل 7– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن 11– ئاينىڭ 23– كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ سائېنت– لوئىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار كۈتۈلمىگەندە 2– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. مۇسابىقىگە تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن دۆلەتلەرمۇ ئازىيىپ قالغان.

     بۇ مۇسابىقىگە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گرېتسىيە، كانادا، كۇبا، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق 13 دۆلەتتىن 689 ماھىر قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئايال ماھىر بار ئىدى.

    3 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىمۇ بەش ئايغا سوزۇلغان. بۇ مۇسابىقىدە ئامېرىكا تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 70 ئالتۇن مىدال، 75 كۈمۈش مىدال، 64 مىس مىدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالتۇن مىدال ئومومى سانى بويىچە 1– بولغان، شۇنداقلا تارقىتىلغان ئالتۇن مىدالنىڭ % 90 نى ئىگىلىگەن؛ گېرمانىيە تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 4 ئالتۇن مىدال، 4 كۈمۈش مىدال، بەش مىس مىدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالتۇن مىدال ئومومى سانى بويىچە 2– ئورۇندا، كانادا تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 4 ئالتۇن مىدال، بىر كۈمۈش مىدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالتۇن مىدال ئومومى سانى بويىچە 3– ئورۇندا تۇرغان.

     شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار 2– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئاز، مۇسابىقە تۈرلىرىمۇ قىسمەن قىسقارتىلغان بولسىمۇ، مۇسابىقىدە جەمئىي 89 ئالتۇن مىدال، 85 كۈمۈش مىدال، 78 مىس مىدال تارقىتىلغان. 3– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلار بولغان. بوكس، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ۋاسكېتبول ماھارىتى مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرى يېڭىدىن قوشۇلغان.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ