|
4–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى 1908–يىل 27–ئاپرىلدىن 31–ئۆكتەبىرگىچە ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن .
ئۈچ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئۆتكۇزۇلگەندىن كېيىن ،خەلقئارا ئولىمپىك كومتېتى 4–نۆۋەتلىك ئوۋلىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان ئورۇننى تاللاپ بىكىتىشتە ،ۈدۇنيادىكى شەھەرلەر ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشنى قارار قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيەنىڭ رىم ،مىلان شەھەرلىرى ، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرى ،گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرى 4–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان ، خەلقئارا ئولىمپىك كومتېتى رىم شەھىرىنىىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشىگە قۇشۇلغان ، بىراق كۈتۈلمىگەندە ئىتالىيەدە 1906–يىلى ئېغىر يەرتەۋرەش ئاپىتى يۈزبېرىپ ،ئىتالىيەنىىڭ ئىقدىسادى زوردەرىجىدە چىكىنىپ كەتكەن ،ئۇنىڭ ئۇستىىگە تەنتەربىيە مەيدانلىرى يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولۇپ كەتكەچكە ،قايتا قۇرۇشقا نۇرغۇن پۇل كىتەتتى ، شۇنىڭ بىلەن رىم شەھىرى بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۇزۇش ھۇقۇقىدىن ۋازكەچكەنلىكىىنى ئېلان قىلغان ،خەلىقئارا ئولىمپىك كومتىتى قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق لوندون شەھىرىنىىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۇزۇشنى تەستقىلىغان .شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن .
4–نۆۋەتلىك ئوۋلىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە ، شىۋېتسىيە ،تۈركىيە ، روسىيە ،فىنلاندىيە ،ئامېرىكا قاتارلىق 22 دۆلەتتىن كەلگەن 2034 ماھىر قاتناشقان .بۇنىڭ ئىچىىدە ئەنگىلىيە تەنتەربىيە ۋەكىىللەرئۆمىكىدىن 710 ماھىر بارئىىدى .
4–نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ماھىرلار 110 كىچىىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلەشكەن .بۇ مۇسابىقىدە ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىىقسى تارىخىدىكى رەسمىي ئالتۇندىن ياسالغان مۇكاپات مېدالى تارقىتىلغان ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال سانى رەسمي سىتاستىكا قىلىىنىپ رەت تەرتىپكە تۇرغۇزۇلۇپ ئېلان قىلىنىپ تۇرغان .بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 16 تۈردە ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى رىكورتى يارىتىلغان .مۇسابىقدە ئەنگىلىيە تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 56 ئالتۇن مېدال ،51كۈمۈش مېدال ،38 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئالتۇن مېدال ئومۇمي سانى بويىچە 1–بولغان ، ئامېرىكا تەنتەربىيە ۋەكىللىرى 23 ئالتۇن مېدال ،12 كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى بويىچە 2–ئورۇندا ،شىۋېتسىيە تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى سەككىز ئالتۇن مېدال ،ئالتە كۈمۈش مېدال ،11 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى بويىچە 3–ئورۇندا تۇرغان .
4–نۆۋەتلىك ئوۋلىمپك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنڭ باشلىنىش مۇراسىمى سىم– سىم يامغۇردا ئۆتكۈزۈلگەن ،ئەمما مۇراسىمنى 70 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن كۆرگەن ، مۇراسىىمغا ئەنگىلىيە پادىشاھى قاتارلىىق ئەنگىلىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى ، خەلقئارا ئولىمپك كومتېتىنىڭ رەئىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ ھەممىسى تۇلۇق قاتنىشىپ ،باشلىنىش مۇراسىىمىنىڭ جەلىپكارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان .
4–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلار بولغان .نۇرغۇن مۇسابىقە تۇرلىرى يېڭىدىن قۇشۇلغان .ئەپسۇسلىنارلىقى ،ئەينى چاغدىكى جۇڭگۇ ھۇكۇمىتى بۇ مۇسابىقىگە كۆڭۈلشىمگەن .
|