|

بىر – بىرىگە ئۆتكۈزۈلگەن بەش ھالقا ھازىرقىى زامان ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى . نۇرغۇن كىشلەر بۇ بەلگىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى ، مەنىسىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن . بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە گەپ بولغاندا ، ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىجادچىسى پىئېررى دې گۇبېرتىننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي ئۆتەلمەيمىز . فرانسىيىنىڭ داڭلىق مائارىپشۇناسى ، ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىجادچىلىرىنىڭ بىرى ، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى بايرىقىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى گۇبېرتىن 1863 – يىلى 1 – يانۋار فرانسىيىدە تۇغۇلغان . ئۇ 1896– يىلىدىن 1925 – يىلىغىچە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان .
گۇبېرتىن تەنھەركەت مۇسابىقىسى ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى بولۇپ ، ھەمىشە ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆزگىچە بىر بەلگىسى بولۇش كېرەك دەپ قارايتتى . ئۇ 1913 – يىلغا كەلگەندە ئاخىرى بەش ھالقا ئۆز – ئارا كىرىشتۈرۈلگەن ، تېگىگە ئاق تەگلىك بېرىلگەن بىر بايراقنى لايىھىلەپ چىقىدۇ ھەمدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىدە بۇ بەلگىنى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ .
ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەر خىل رەڭدىكى بەش ھالقا دۇنيادىكى بەش چوڭ قىتئەگە سېموۋول قىلىنغان بولۇپ ، بەش ھالقىنىڭ ئۆز – ئارا گىرەلىشىشى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا سېموۋول قىلىنغان . ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، يىغىن قاتناشچىلىرى ئۇنىڭ پىكىرىنى قۇۋۋەتلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بەلگە ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىلىپ كەلگەن .
|