|
(2008–يىل 1 – ئاينىڭ 13–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1 – يىغىنىدا بېرىلدى)
ئەسقەت كەرىمباي
ئەزالار:
مەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.
9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئەھۋالى
ئۆتكەن بەش يىل— ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇملۇقىدا تۇتقان ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇردى. ئۆتكەن بەش يىل— شىنجاڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەن، يېڭى يېزا قۇرۇش سالمىقىنى زورايتقان، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېزلەتكەن، بايلىق ۋە جۇغراپىيىلىك ئۈستۈنلۈكنى تولۇق جارى قىلدۇرغان، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈنسېرى يېڭىلىغان، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلاندۇرغان؛ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى پائال يولغا قويغان، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلەتكەن، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن، مىللەتلەر ئىناق، جەمئىيەت مۇقىم، چېگرا تىنچ بولغان، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەن بەش يىل بولدى. دېمەك، ئۆتكەن بەش يىل ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ تارىخىدا تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئىنتايىن ياخشى بولغان مەزگىل بولدى.
شىنجاڭنىڭ بۇ مۇھىم تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئۆزىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېگىشلىك تۆھپىلەرنى ياراتتى. بەش يىلدىن بۇيان، 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيە باش تېمىلىرىنى چىڭ ئىگىلەپ، سىياسي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى تۆھپە ياراتتى، ئۆز قۇرۇلۇشى جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلىدى.
1. پارتىيە، ھۆكۈمەت سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى
9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىل قىلىنغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىككە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، قاراتمىلىقى بولغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
—سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. 2005–يىلى 1– ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جايلار ۋە تارماقلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتناشقان سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
—سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2006–يىلى 2 – ئايدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆز ۋاقتىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ‹‹پىكىر››ىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش ‹‹پىكرى››نى تۈزۈپ چىقتى. بۇ ‹‹پىكىر››دە مەركىزىي كومىتېتنىڭ پىكرىنىڭ ئاساسىي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي تۈردە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، پارتىيىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق تۆت جەھەتتە 17تۈرلۈك كونكرېت پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن ‹‹خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن – بەرمىگەنلىكى، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغان – قىلدۇرمىغانلىقىنى رەھبەرلىك سەۋىيىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى سىناشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى قىلىش›› تەلەپ قىلىندى.
—سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە دائىر مۇھىم ھۆججەتلەرنى تەستىقلاپ تارقاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ‹‹ئەزالار كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر››ى، ‹‹تەكلىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر››ى، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى›› قاتارلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە دائىر مۇھىم ھۆججەتلىرىنى تەستىقلاپ تارقىتىپ ياكى بېسىپ تارقىتىپ، جايلار ۋە ئورۇنلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشىغا دائىر خىزمەتلەرنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى.
—خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ماسلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر يىلى سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە بىرلىكتە ھەيدەكچىلىك قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە خىزمەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيىلىك تارماقلىرى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئېچىش شەكىللىرى ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاساسىغا ئايلاندۇردى.
—سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى قوللىدى. سىياسىي كېڭەش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆلىمىنى 480دىن 530غا كۆپەيتىپ، بەزى يېڭى ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ ۋەكىللىرىنى سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پائالىيەت خىراجىتى ئۆلچىمىنىمۇ ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەر يىلى مەخسۇس قوشۇمچە خىراجەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم قىلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.
—پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەردى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋاكالەت مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش ئاچقان يىغىنلارغا دائىم قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ لايىھىسى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىغا ۋاقتىدا تەستىق سېلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر، تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يەكسەك ئەھمىيەت بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇھىم تەدبىرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى كەڭ دائىرىدە توپلاشتا ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىدە ‹‹پارتكوم ئەھمىيەت بېرىش، ھۆكۈمەت قوللاش، سىياسىي كېڭەش تەشەببۇسكار بولۇش، تەرەپلەر ماسلىشىش››تەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ھالەت بارلىققا كەلدى.
2. سىياسىي كېڭەش فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىپ يېڭى تۆھپە ياراتتى
9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋاكالەت مەزگىلىدە، ئومۇمىي يىغىن، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى مۇھىم نۇقتا، مەخسۇس كومىتېتلارنى ئاساس قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ فۇنكسىيە ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشۇلدى.
—ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. ئومۇمىي يىغىن — سياسىي كېڭەش فۇنكسىيە ئادا قىلىشنىڭ ئالىي شەكلى. ئومۇمىي يىغىننىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىشنى يىغىنغا تەييارلىق قىلىش، تەشكىللەش ۋە يىغىندىن كېيىن نەتىجىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قىلىنغان سۆزلەرنىڭ تېمىسى مۇھىم، مەزمۇنى مول، تەدبىر – تەكلىپلەر مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولغانلىقتىن، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئومۇمىي يىغىن مەزگىلىدىكى بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، ئەزالار ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يۈزتۇرا ئەھۋال ۋە پىكىر ئالماشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن دېموكراتىك كېڭىشىش، باراۋەر يوسۇندا ئىش كېڭىشىشنىڭ ئالاھىدىلىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بەش قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ئەزالار ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹11 – بەش يىل››نى تۈزۈش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تەۋرەنمەي يولغا قويۇش، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئىچكى قىسىمدا جانلاندۇرۇش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى ياخشىلاش؛ مىللەتلەر، دىن، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتلەردە تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان پىكىر – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان ئەزالار مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئەك تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ ۋە كېڭىشىپ، ساھەلەرنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئىپادىلىدى. دېمەك، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئەزالارنىڭ دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، كېڭىشىش، ھاكمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، چوڭ جەھەتتە بىردەك بولۇپ، ئۇششاق پەرقلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويۇش، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاقلىشىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، كۈچنى توپلاش جەھەتتىكى مۇھىم رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.
—دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. دائىمىي كومىتېت — ھەم سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبىرىي ئاپپاراتى، ھەم كېڭىشىش، نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى مۇھىم بىر قاتلام. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىل قىلىنغاندىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۈستۈنلۈك ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، تۈرلۈك كۈچلەر تولۇق سەپەرۋەر قىلىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇھىم رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىي 20قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش، سانائەت تەرەققىياتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخسۇس تېمىدا كېڭەشتى. چوڭقۇر كېڭىشىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئاساسىدا، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق يەتتە تەكلىپ لايىھىسى ۋە بىر نەچچە مەخسۇس دوكلات شەكىللەندۈردى. سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىمۇ تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىنى سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى بۇ تەكلىپ لايىھىلىرى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتلىرىغا كۆپ قېتىم تەستىق سېلىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھەر قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى ۋە قانۇن مۇھىتى قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا، كىچىلىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد، يەرلىك ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تولۇق كېڭىشىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ كېڭىشىش نەتىجىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى.
— تەكلىپ خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى. تەكلىپ خىزمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇملۇق خاراكتېرىگە ئىگە خىزمىتى، فۇنكسىيە ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم شەكلى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، تەكلىپ سۈپىتى، بېجىرىش سۈپىتى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تەكلىپنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 4855تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىپ، 4535تەكلىپنى ئەنگە ئالدى، بۇلارنىڭ مەزمۇنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. تەكلىپ بېجىرىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى، ئۈلگىلىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 41تەكلىپنى نۇقتىلىق تەكلىپ قىلىپ بېكىتتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى بۇ تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى. تەكلىپ بەرگۈچىلەر بىلەن تەكلىپ بېجىرگۈچىلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ سىياسىي كېڭەش تەكلىپلىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى پىكىر، تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تەكلىپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەھۋاللارنى ئوبدان تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەكلىپنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بېجىرگۈچى ئورۇنلار ھەل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزگەن ياكى شارائىت ھازىرلانغاندا بېجىرمەكچى بولغان ئىككى تۈرلۈك تەكلىپنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىگىلەش ھەققىدە ‹‹قايتا نەزەر سېلىش›› خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. بەش يىلدىن بۇيان، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە ئورتاق تىرىشىش، شۇنىڭدەك بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ئارقىسىدا، تەكلىپلەر ئوبدان بېجىرىلىپ ھەم سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ساھەلەرنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەم پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ۋە ساھەلەر ئىنكاس قىلغان بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.
—تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش — سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە چارە – تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ ئاساسى. سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىدە، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەشكىلىي شەكىل، خىزمەت نۇقتىسى، مۇھىم نۇقتىغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسىي كېڭەشنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەقلىي كۈچ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نادىر، چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشقا كۈچەپ، سۈپىتى يۇقىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسى يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مۇشۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تەسەۋۋۇرى بويىچە، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئەزالارنى تەشكىللەپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە بويىچە 112تۈرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 108پارچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى تەييارلىدى، بۇ دوكلاتلارنىڭ مەزمۇنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدە پىكىر، تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، پارتىيە گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، كارخانىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكا جەھەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇش قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئەزالارنى تەشكىللەپ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، كۆمۈرلۈكلەردىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش، سانائەت باغچا رايونى تەرەققىياتى، ئايرودروم قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ئۈستىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدىن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. تېما تەتقىق قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتى بىلەن ئەزالارنىڭ ئىش ئورنىدىكى خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەزالار ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تېما تەتقىقاتىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش، ئۈرۈمچى – سانجى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، باج ئېلىش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزا باج تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى يېزا مالىيىسى، نامرات رايونلاردىكى ناھىيىلەرنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق 19تېما تەتقىقات تۈرى تاماملاندى، بۇلار ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىنى پائالىيەتكە تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەندى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا دائىر بەزى مۇھىم مەسىلىلەر مەركىزىي كومىتېتقا ئىنكاس قىلىندى.
3. سىياسىي كېڭەش ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا قاتنىشىپ، تېگىشلىك رول ئوينىدى
سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسىي خاراكتېرى، ئاساسلىق فۇنكسىيىسى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، خىزمەت پرىنسىپى ۋە پائالىيەت شەكىللىرى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ تەلىپى بىلەن تامامەن بىردەك. ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش سىياسىي كېڭەشكىمۇ نى – نى ئىشلارنى قىلىدىغان تارىخىي سەھنە ھازىرلاپ بەردى. بەش يىلدىن بۇيان، ئەزالار ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۆرىدەپ فۇنكسىيە ئادا قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇلدى.
—ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق مۇقىملىق قوغدالدى. بىرلىك سەپ تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلىرى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنىپ، ئەزالارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ھەمكارلىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان ئەزالار ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئاڭلىق تۈردە ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا ئۈلگىلىك رول ئوينىدى. مۇقىملىققا دائىر مەسىلىلەر كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش، چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تاقابىل تۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىشنى توسۇش جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. ھەمدە بۇ نەتىجىلەرگە مۇھىم تەستىق سالدى. دېمەك، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇلدى.
—كۈچلەر كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇلدى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، ئورتاق سىياسىي ئاساستا چىڭ تۇرۇپ پارتىيە گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، مىللەتلەر ۋە تەبىقىلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقاردى. ئاھالىسى بىر قەدەر ئاز مىللىي يېزا، كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشنى ياخشى يولغا قويۇش، مىللىي مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئىگىلەش ۋە ئىنكاس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ھەمكارلىشىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى زىيارەت قىلىش، دىنىي مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەندى. يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، ساداسى ئىنكاس قىلىندى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، تاشقى دوستانە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇلدى.
—خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلدى، خەلقنىڭ ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى خىزمەتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، يەر تەۋرەشكە چىداملىق تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلەرنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ پۇل ۋە ماددىي نەرسە ئىئانە قىلىش، يېزىلارغا دوختۇر ۋە دورا يەتكۈزۈپ بېرىش، كەسپىي سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش، مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش، مائارىپقا پۇل ئىئانە قىلىپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، ساخاۋەتچىلىك پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، غەمخورلۇق قىلىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەزى ئەمەلىي ئىشلار قىلىپ بېرىلدى. جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىپ، 493سان ‹‹شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى ئۇچۇرى›› تۈزۈپ تارقىتىلدى، بۇلار پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر توپلاش ۋە تەھلىل قىلىش مېخانىزمىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. مەسىلەن، بىز ئىنكاس قىلغان شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقىغا نام بېرىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، تاشكۆمۈر بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، سانائەت بۇلغىمىسى چىقىرىدىغان كارخانىلارنى تۈزەش، داۋالاش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ ئانتروپولوگىيىلىك ساياھەت بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە پايدىلىنىش، مەدەنىيەت كەسىپلىرى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مەكتەپكە يېقىن كىچىك ئاشخانىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى تەستىق سالدى، بۇ ئۇچۇرلار ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپ، بەزى مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىندى.
—ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈندى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئەزالارنى تەشكىللەپ ‹‹4 – بەش›› يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ‹‹5 – بەش›› يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، قوش تىل مائارىپى، كەسىپ مائارىپى، يېزا – بازارلىق شىپاخانىلار قۇرۇلۇشى، شەھەر – بازارلاردىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، پوچتا تېلېگراف، مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزا نوپۇسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئەھۋالى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، نوپۇس بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ماس راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كونكرېت تەكلىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېزا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى بويىچە تەقدىرلەش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئايلانما ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن – قائىدىلىرىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بايلىق تېجەش ۋە مۇھىتنى ياخشىلاش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى قوغداش، ئىبنۇر كۆلىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش، تەڭرىتاغنىڭ ياۋا مېۋىزارلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش، شەھەر ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، تەدبىر – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئاسراش ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
—تارىخ ماتېرىياللىرى پائال توپلاندى. تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ تارىخنى ساقلاپ قېلىش، ھاكىمىيەت ئىشىغا مەسلىھەت بېرىش، كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمىتىدە ‹‹ئىككىنى داۋاملاشتۇرۇش، بىرنى يۆتكەش›› فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، چىن ۋە ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تارىخ ماتېرىياللىرىنى توپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، 3 مىليون 800مىڭ خەتلىك خەنزۇچە تارىخ ماتېرىيالى، 1 مىليون 700مىڭ خەتلىك ئۇيغۇرچە تارىخ ماتېرىيالى توپلىنىپ، سەككىز سان خەنزۇچە، بەش سان ئۇيغۇرچە تارىخ ماتېرىيالى نەشر قىلدۇرۇلدى، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، قىرغىز مىللەتلىرىگە دائىر مەخسۇس تارىخ ماتېرىياللىرى ھەمكارلىشىپ نەشر قىلدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاساس تارىخ ماتېرىياللىرى خەزىنىسى بېيىتىلدى، بۇ جەھەتتە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتۇق.
4. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ھەقىقىي كۈچەيتىلدى
سىياسىي كېڭەش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يول ئېچىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىسىدا، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى.
—سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالارنىڭ ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن فۇنكسىيە ئادا قىلىش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش، ئۆگىنىش كۇرسى، دوكلات يىغىنلىرىنى ئېچىش، ئۆگىنىشتە پايدىلىنىش ماتېرىيالى تارقىتىش شەكىللىرى ئارقىلىق، ئەزالارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى، ئۆزىنى تەربىيىلىشىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇردى. پارتىيە 16–ۋە 17–قۇرۇلتايلىرىنىڭ روھى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ، زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە پىكرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئۆزلەشتۈرۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى مەخسۇس ئۆگىنىلىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يېڭى تەسەۋۋۇرى، يېڭى تەدبىرلىرى ئەتراپلىق ئىگىلىنىپ، ئەزالارنىڭ سىياسىي كېڭەش فۇنكسىيىسىنى ئوبدان ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىدىيىۋى ئاساس سېلىندى. ‹‹ئەزالار بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى››نى تۈزۈپ چىقىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئەزالارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس كومىتېت ئەزالىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائالىيەتلەرنى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە قانات يايدۇرۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى، سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەزالارنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەندى. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالاردىن شەرەپ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆز خىزمىتى بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەزالارنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.
—پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن بولغان ئالاقە كۈچەيتىلدى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ‹‹دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تۈزۈپ چىقىپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار بىلەن خىزمەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا دائىر مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدىكى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەسئۇللىرىنى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ئەزالىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە تولۇق قاتناشتۇرۇلدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى كېڭىشىش يىغىنى مەزگىلىدە ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىش، بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنلىرىدا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قوللىدى ۋە كاپالەتلەندۈردى. پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بەش يىلدىن بۇيان، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى.
—خىزمەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. تۈزۈم قۇرۇلۇشى سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەمەلىي خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، ئومۇمىي يىغىن خىزمەت قائىدىسى، دائىمىي كومىتېت خىزمەت قائىدىسى، مەخسۇس كومىتېتلار ئومۇمىي قائىدىسى، تەكلىپ خىزمىتى نىزامى قاتارلىق قائىدە – تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ قەرەللىك يىغىنلىرى، ئەزالارنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشى، تەكلىپ خىزمىتى، ئۇچۇر خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە تۈزۈپ، خىزمەتنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىشلەش ئەھۋالىنى ئازايتىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
—سىياسىي كېڭەش خىزمىتى تەشۋىقاتى كۈچەيتىلدى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش كۆپ خىل يول ۋە شەكىل ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەشنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەخسۇس بەت، مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسى ۋە خاتىرىلەش ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش خىزمەتلىرى مەركەزلىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىندى. سىياسىي كېڭەشتە ئاخبارات ئېلان قىلغۇچى تەسىس قىلىنىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرى، مۇھىم ئۇچۇرلىرى ئۆز ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى تور پونكىتى قۇرۇلۇپ، ئەزالارنىڭ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ فۇنكسىيە ئادا قىلىشىغا يېڭى شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان گېزىتى‹‹ئاسىيا كىندىكى›› ھەپتىدە بىر ساندىن ئۈچ سان چىقىشقا ئۆزگەرتىلىپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر ۋە ئەزالارنىڭ چارە تەدبىر كۆرسىتىش مۇنبىرىگە، شۇنىڭدەك خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش كۆزنىكىگە، خىزمەت ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسىگە، سىياسىي كېڭەشنى تەشۋىق قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇلدى.
—ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەرنى يېتەكلەش كۈچەيتىلدى. ئىككى قېتىم ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەر خىزمەت تەجرىبىسى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىپ، تەجرىبە ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، يېزا – بازارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئالاقە گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇشتەك ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار جايلاردىكى سىياسىي كېڭەشلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش، خىزمەت شارائىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا تەكلىپ بېرىلدى. ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام، سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلدى.
—مەخسۇس كومىتېتلار خىزمىتى كۈچەيتىلدى. مەخسۇس كومىتېتلار —سىياسىي كېڭەش ئەزالارنى تەشكىللەپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسى. 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلار قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەت تەلەپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خادىملارنى كۈچلۈك سەپلەپ، خىزمەت خىراجىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال شارائىت يارىتىپ بەردى. بەش يىلدىن بۇيان، مەخسۇس كومىتېتلار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەزالارنى تەشكىللەپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ بىلەن مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئاساسلىق رولى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.
—سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. سىياسىي كېڭەش ئورگىنى—سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خىزمەت ئاپپاراتى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. 9 –نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىل قىلىنغاندىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئىدىيىۋى ئىستىل، خىزمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆججەت بىر ياقلىق قىلىش، يىغىن ئېچىش، ئىش بېجىرىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىش ئۈنۈمى ۋە فۇنكسىيە ئادا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەشكىل قىلىنغان بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە نەزەر سېلىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ كۆرسەك، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى بەزى مۇھىم پرىنسىپلار گەرچە ئىلگىرىكى قىممەتلىك بايلىقلىرىمىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر بولغان ئاساسىي تەجرىبىلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز لازىم.
—جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.
—ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيە باش تېمىلىرىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتلەندۈرۈشكە بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىناقلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، ئىناقسىزلىق ئامىللىرىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ئازايتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەقىل– پاراسىتى ۋە كۈچ قۇدرىتىنى توپلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.
—تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئويناش كېرەك.
—ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، قىلچە تەۋرەنمەي مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىش لازىم.
—فۇنكسىيە ئادا قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش، زور مەسىلىلەرنى تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭىشىشنى تەشكىللىك ۋە پىلانلىق تۈردە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش؛ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيىسىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش خىزمەتلىرىنى ئوبدان تەشكىللەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ۋە ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
—ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ رايىنى كۆزىتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى پائال ئىگىلەپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، ياخشى قوغدىشى ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىغا ھەمكارلىشىش كېرەك.
ئەزالار! ئاپتونوم رايونلۇق 9– نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر—ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە توغرا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قېتىرقىنىپ ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن، كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
ئالدىنقى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىغاندا، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا، خىزمەتلىرىمىزدە يەنىلا بەزى يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت: سىياسىي كېڭەشنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلمىدى، ئۈرۈمچىدىن باشقا جايدىكى ئەزالارنى پائالىيەتكە تەشكىللەش ئاز بولۇپ قالدى. تەكلىپ لايىھىلىرىنى بېجىرىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەزالارنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش، تەربىيىلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىش زۆرۈر. بۇ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەدرىجىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
10–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا تەكلىپ
ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋاكالەت مەزگىلىدىكى بەش يىل—دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم مەزگىلىگە كىرگەن، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېز قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخىي ھالقىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھالقىلىق مەزگىل بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر خەلق سىياسىي كېڭىشىگە تېخىمۇ ئازادە سەھنە ھازىرلاپ بەردى، شۇنداقلا تېخىمۇ يۇقىرى يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيە باش تېمىلىرىنى چىڭ ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىي فۇنكسىيىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچلەرنى توپلاش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى لازىم.
1. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى—دۆلىتىمىز ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. 17–قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش—خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە پائال تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى فۇنكسىيە ئادا قىلىشنىڭ تۈرلۈك ئەمەلىي خىزمەتلىرىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشى لازىم. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنى، پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيىالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەنىسى ۋە روھىي ماھىيىتىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىغا يېتىشنىڭ يېڭى تەلەپلىرىنى، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش جەھەتلەردىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى 17–قۇرۇلتاي روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش لازىم. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش لازىم.
2. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىش لازىم
شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن تۇتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش—ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھەم تەخىرسىز ۋەزىپە. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى 1 – مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تۆھپە قوشۇش لازىم. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئۈستۈنلۈككە ئىگە بايلىقنى ئېچىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، ئىچكى تاشقى ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىش لازىم.
سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشقا دائىر مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە تەتبىقلاش، يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا دائىر مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، ئېنېرگىيە ۋە كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ئىشلەپچىقىرىش پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قۇرۇش، سانائەت باغچا رايونلىرى قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنى تاللاپ، مەخسۇس كومىتېتلارغا تايىنىپ، نۇقتىلىق تېمىلارنى تەتقىق قىلىپ، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، ئىلمىيلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىققا ئىگە پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. تەكلىپ لايىھىسى، تەكلىپ، ئەزالار كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا يېتىش يولىدا ئاكتىپ رول ئويناش لازىم.
3. تىرىشىپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇش لازىم
خەلق سىياسىي كېڭىشى—ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، شۇڭا ئۇ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا قاتنىشىشنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، زور بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە مىللەتلەر، ساھەلەر ۋەكىللىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىشلىشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە، ئەڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتنى قوغداپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا قارىتىلغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، دىن خىزمىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەمكارلىشىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا پائال يېتەكلەش لازىم. يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكىلەرنى ئتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇش لازىم. ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، ئىنكاس قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەش كېرەك. ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئادىللىق ۋە ئادالەتنى قوغداپ، ھەر ساھەدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ئوقۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ئوبدان ھەل قىلىشى ئۈچۈن چارە تەدبىر كۆرسىتىش لازىم. ئەمەلىيەت داۋامىدا، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇللىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرۇپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش لازىم.
4. سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك
مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ ئومۇملۇقى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالار باشتىن – ئاخىر مېڭىنى سەگەك تۇتۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپنى ئويلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېىسپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغۇزۇپ، ئىدىيىۋى تونۇشنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم. مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت پاكىتلىرى، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ بۆلگۈنچىلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە باشتىن – ئاخىر تونۇش ئېنىق، پوزىتسىيە كەسكىن، مەيدان مۇستەھكەم، بايراق روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تەربىيىسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى، جۈملىدىن مىللەتلەر ۋە دىننىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق ۋە توغرا چۈشىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىنى ئاڭلىق چەكلەش لازىم. مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەزالارنى تەشكىللەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش پىكىر تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش يولىدا ئاكتىپ رول ئويناش لازىم.
5. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك
يېڭى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكلەنگەن تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئىدىيىۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش ئاپپاراتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى كېڭىشىش، مۇزاكىرە قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىدا پىكىر بايان قىلىش، تەكلىپ بېرىش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش، ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىشىغا ھۆرمەت ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ساھەلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ۋە يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ساھەلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ساھەلەر پائالىيىتىنى تېخىمۇ دائىملىق ئىشقا ئايلاندۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش لازىم. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش پىلانىنى ياخشىلاپ، مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شەكلىنى يېڭىلاپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ساپاسى ۋە فۇنكسىيە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم. ئالاقىدار پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر– تەكلىپلىرىنى بېجىرىش، ئۇچۇر قايتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. فۇنكسىيە ئادا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي كېڭىشىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش لازىم. ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جايلاردىكى سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قۇرۇلۇشى، ئومۇملۇق قارىشى ۋە مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئورگان خىزمىتىنىڭ ماس ھەم بىردەك، ئۆلچەملىك ھەم تەرتىپلىك، ساز ھەم ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ئىستىلى ياخشى، بىلىمى مول، كەسىپكە پىششىق يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش لازىم.
ئەزالار:
ئۆتكەنگە نەزەر سالساق، 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئۆز فۇنكسىيىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تارىخىي بۇرچىنى تاماملىدى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يېڭى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، دېمەك، زىممىمىزدىكى ۋەزىپە ئېغىر. شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا تىرىشىپ يېتىشنىڭ يېڭى تارىخىي مۇساپىسىدە، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى ۋە ئەزالىرىغا مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يولىدا تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى يارىتايلى!
|