|
2008–يىل 1 – ئاينىڭ 17–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا بېرىلگەن
ئابدۇرېھىم ھامىد
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:
مەن ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.
ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر
ئۆتكەن بەش يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا زور تەرەققىياتلار قولغا كەلگەن، خەلق ئاممىسى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن، شۇنداقلا دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىياتلار قولغا كەلگەن بەش يىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 16–، 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىك قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.
1. يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
دائىمىي كومىتېتىمىز دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش سۈرئىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، نىزام چىقىرىشقا دائىر تەدبىرلەرنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تەدبىرلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. بەش يىلدىن بۇيان، يەرلىك نىزامدىن ۋە نىزام خاراكتېرلىك قاراردىن 64نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدۇق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى تەستىقلاشقا سۇنغان نىزامدىن ۋە نىزام خاراكتېرلىك قاراردىن 37نى تەستىقلىدۇق.
تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادقا دائىر نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتتۇق. قۇرۇلۇش بازىرىنى باشقۇرۇش نىزامى، ھاراق باشقۇرۇش نىزامى، شەھەر جامائەت ئىشلىرى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت نىزامى، شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى، دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نىزامىنىڭ چىقىرىلىشى ياكى تۈزىتىلىشى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بازار ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. پاتېنت قوغداش نىزامى، يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش نىزامى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، پۇقراۋى پەن – تېخنىكا كارخانىلىرى نىزامى، شىخەنزە ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش نىزامىدا، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، پۇقراۋى پەن – تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى جەھەتتىن مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن كونكرېت ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىدۇق. يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئۇرۇقچىلىق قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى، سۈتچىلىك نىزامى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى نىزامى، ساياھەت باشقۇرۇش نىزامىنى چىقىرىپ ياكى تۈزىتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق.
ئىقتىسادقا دائىر نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي ساھەگە دائىر نىزام چىقىرىشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولدۇق. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامى، كوللېكتىپ توختام نىزامى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى نىزامى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى سايلام چارىسى، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى، چېگرا باشقۇرۇش نىزامىنىڭ چىقىرىلىشى پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك – تىرىشچان بولۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، يېڭى تام ماتېرىياللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئىشلىتىش نىزامى، مۇھىت ئاسراش نىزامى، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش نىزامى، تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى، سۇ قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى قاتارلىق نىزاملارنىڭ چىقىرىلىشى ياكى تۈزىتىلىشى بايلىقتىن تېجەشلىك ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولدى. مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى، تۇرپان يارغول قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى قوغداش – باشقۇرۇش نىزامى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتى نىزامى، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش نىزامى قاتارلىقلارنى چىقاردۇق.
نىزامنى چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ بىرلىكىنى ساقلىدۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كەلمىگەن، شۇنىڭدەك مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى، نازارەتچىلىك قانۇنى بىلەن بىردەك بولمىغان نىزاملارنى ئېنىقلىدۇق ۋە قېلىپلاشتۇردۇق. بەش يىلدىن بۇيان، نىزامدىن 26نى تۈزەتتۇق ياكى ئۆزگەرتتۇق، تۆتنى بىكار قىلدۇق.
نىزام سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە، بىرىنچىدىن، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق بىلەن جاۋابكارلىق، ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ چەك – چېگرىسىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، نىزام چىقىرىشتا تارماقلارنىڭ مەنپەئىتىگە مايىل بولۇشتىن ساقلاندۇق ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە تىرىشتۇق. مەسىلەن: ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ھاراق باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىق نىزاملاردا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى خېلى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ۋە تەڭ ئويلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى تولۇق قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، قانۇن ۋە تۈزۈم جەھەتتە ئادىل ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتۇق؛ ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزامدا يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىقىرىلغان نىزامنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ئاشۇردۇق. مەسىلەن: نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى، كارىزنى قوغداش نىزامى قاتارلىق نىزاملارنى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش روھى ۋە پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ساقلانغان نىزام چىقىرىش يولى بىلەن جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا چىقىرىپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جاي ئالاھىدىلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، نىزامنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇردۇق؛ ئۈچىنچىدىن، نىزامنى دېموكراتىك، ئاشكارا چىقاردۇق. دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان بارلىق نىزام لايىھىلىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر تەكلىپىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. بىز خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان نىزام لايىھىلىرى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ياكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە نىزام لايىھىسىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدۇق. 2006–يىلى خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش مەسلىھەتچىلىرى گۇرۇپپىسىغا 15مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە قانۇن خادىمىنى تەكلىپ قىلىپ، نىزام لايىھىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ دەلىللەش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. نىزام چىقىرىش خىزمىتى تەرتىپىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇردۇق. قانۇنچىلىق كومىتېتى نىزام لايىھىسىنى بىر تۇتاش قاراپ چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېت ۋە خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدۇق. يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، نىزام سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، نىزام چىقىرىش يولى بىلەن تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇلۇپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، نىزام سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
2. نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى
بەش يىلدىن بۇيان، ‹‹مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش›› ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ چوڭ مەسىلىلەرنى ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق، قىيىن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلدۇق. بولۇپمۇ نازارەتچىلىك قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ خېلى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، ‹‹ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە››نىڭ 39مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، 60نەچچە قانۇن نىزامنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدۇق، 44 قېتىم كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە تەكشۈردۇق.
ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ئىلگىرى سۈردۇق. بەش يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق ۋە قاراپ چىقتۇق. يېزا ئىگىلىك قانۇنى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، مېتېئورولوگىيە قانۇنى قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق. چارۋىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك تەرەققىياتى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەمىناتى ۋە باھاسىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە تەكشۈردۇق. نازارەتچىلىكتە سەزگەن چوڭ – چوڭ مەسىلىلەردە، مەسىلەن: يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسىنى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاجىز بولۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەس بولۇش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا ئىلمىي پىلانلاش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەتكە ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا پىكىر تەكلىپ بەردۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، دۆلەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا سالىدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى ئۇدا تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۇدا بەش يىل كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قىلىشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قانۇنى، باج ئېلىش – باشقۇرۇش قانۇنى، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قانۇنى، مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يەككە خۇسۇسىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى نۇقتىلىق تەكشۈردۇق. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى، خېرىدار ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش مۇھىتى قۇرۇلۇشى، پورت باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە تەكشۈردۇق. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈشتە بايقىغان مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ بايلىقنى تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكنىڭ باراۋەر رىقابەتلىشىشى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. ماكرو ئىگىلىكنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پىلان، خام چوتنىڭ ئىجراسى، مالىيە نەق چوتى، شۇنىڭدەك خام چوتنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتلىرى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمەت دوكلاتىنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئاڭلاپ تۇردۇق ھەم خام چوت قانۇنى، ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشىغا، بەزى ئورۇن ۋە تارماقلارنىڭ مالىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى كەسكىن تۈزىتىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئەھۋالىنى قەرەللىك تەھلىل قىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلىشىگە ئاساس يارىتىپ بەردى.
ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. دۆلەتنىڭ بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، گۈزەل شەھەر – بازار بەرپا قىلىش››، ‹‹ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، زىيانسىز يېمەكلىكنى راۋاجلاندۇرۇش››، ‹‹قېزىلما بايلىقنى مۇۋاپىق ئېچىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش››، ‹‹سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ بايلىقىنى تېجەش››، ‹‹يۇرت پىلانلاشنى تېزلىتىش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش››نى ئاساسىي تېما قىلىپ، ‹‹تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش ئەسىر سەپىرى›› پائالىيىتىنى ھەر يىلى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ پائالىيەتتە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى ۋە ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى بىرلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، بۇ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىت ئاسراش، بايلىق ئېچىش جەھەتتىكى قىزىق، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قېزىلما بايلىق قانۇنى، سۇ – تۇپراق ساقلاش قانۇنى، يەر باشقۇرۇش قانۇنى، ئوتلاق قانۇنى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، ھۆكۈمەتنىڭ تارىم دەريا ۋادىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، پۇقرالار مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ئەھۋالى، يەر تەپتىشلىكى خىزمىتىنى ۋە تۈمەن دەرياسى سۈيىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە تەكشۈردۇق، ھۆكۈمەتنىڭ ئېكولوگىيە ئەندىشە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. نوپۇس مەسىلىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ تۇرىدىغان زور مەسىلە، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل. بىز نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى، ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەندە، ھۆكۈمەتتىن پىلانلىق تۇغۇت تۈپ سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، قانۇنچىلىق، تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە سېلىنما جەھەتتە يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق.
خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دورا باشقۇرۇش قانۇنى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق. ‹‹داۋالىنىش تەس ۋە قىممەت بولۇش›› مەسىلىسى، يېزا – قىشلاقلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىناق خىزمىتى، ‹‹سارس››، قۇش زۇكىمى ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە تەكشۈردۇق. بايقىغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئاممىغا داۋالاش – ساقلىق ساقلاش جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدۇق. پەن تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىغان ‹‹شىنجاڭ ئىقتىسادىنى پەن تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ھەققىدىكى قارار››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، ھۆكۈمەتكە يېڭىلىق يارىتىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشقا يەنىمۇ ئىلھام بېرىپ، پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدە تەكلىپ بەردۇق؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى، كەسپىي مائارىپ قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، مائارىپتىكى ‹‹ئىككى ئاساسەن››نى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە ئۇللۇق، ئىستراتېگىيىلىك خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، مالىيىنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت بازىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنە مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يەنىمۇ كۈچ چىقىرىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. بىز مەۋقەنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان قىزىق، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى ۋە ئوت مۇداپىئە قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتمائىي كاپالەت خىزمىتى، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى نېسى قۇرۇلۇش پۇلى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى ئېنىقلاش خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە تەكشۈردۇق ھەمدە ھۆكۈمەتكە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدە پىكىر تەكلىپ بەردۇق.
قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدۇق. سودىيىلەر قانۇنى، پروكراتورلار قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق – تەلەپ سوت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېتىراز خىزمىتى، قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتى ۋە مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ قاماپ قويۇش ئەھۋالىنى تۈزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق ۋە قاراپ چىقتۇق. قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشماسلىق، قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيىسى يۇقىرى بولماسلىق، قىسمەن دېلولارنى سوت قىلىش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتى تازا كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىلىرىدە ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى ھەققىدىكى تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ۋە ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغدىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى باھالىدۇق. سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتتە ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئەينەن كۆرسىتىپ بەردۇق ھەمدە قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما ‹‹دەۋا قىلىش تەس بولۇش››، ئەرز قىلىش تەس بولۇش، دېلونى ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى، شۇنىڭدەك سودىيىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر تەكلىپ بېرىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىشنى تەلەپ قىلدۇق. نازارەتچىلىك قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ باھالاش خىزمىتى نىزامىغا ئاساسەن، 13نازىر(مۇدىر)نىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالىدۇق.
ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا تۈرتكە بولدۇق. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى باشتىن – ئاخىر باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتىمىز قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش توغرىسىدىكى بىر قاتار فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا پائال تۆھپە قوشتۇق. دىن خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت. بىز گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، ھۆكۈمەتنىڭ ھەج قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق، ھۆكۈمەتنىڭ پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق ۋە مەدەت بەردۇق. مەۋقەنى مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، نوپۇسى ئازراق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹مىللىي يېزىلارنىڭ مەمۇرىي خىزمەت نىزامى››نىڭ ئىجراسىنى كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشىگە پائال ماسلاشتۇق. بىز يەنە ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار، مۇھاجىرلار خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار، مۇھاجىرلار خىزمىتىگە تۈرتكە بولدۇق.
نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلدۇق. ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر، مەسىلەن، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش مەسىلىلىرىنى باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ھەر يىلى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. نازارەتچىلىكتە بايقىغان مەسىلىلەر ۋە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرلىرىنى ‹‹ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە››گە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ئۇلاردىن ھەقىقىي ياخشىلاشنى ھەمدە ياخشىلاش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتقا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. قىسمەن ۋەكىللەر ۋە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە، تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تۈزەشكە ئوبدان ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق. نەتىجىدە، ‹‹ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە›› تۈزەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتىنى، شۇنىڭدەك دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
3. ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقە تېخىمۇ كۈچەيتىلدى
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ سۇبيېكتى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بەش يىلدىن بۇيان، بىز ۋەكىللەر قانۇنى ۋە ۋەكىللەر قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ۋەكىللەرگە تايىنىپ ياخشى ئىشلىدۇق. بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ”2005“ 9 – نومۇرلۇق ھۆججىتى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، پارتگۇرۇپپىمىز ‹‹يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئائىت بىر قانچە پىكىر››نى مۇھاكىمە قىلىپ تەييارلىدۇق ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقى بىلەن جايلارنىڭ ئىجرا قىلىشىغا چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ۋەكىللەر خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈردۇق. ۋەكىللەرنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەربىيىلەش بويىچە ئۈچ قارار كۇرس ئاچتۇق ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتۇق. سىستېمىلىق تەربىيىلەپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈردۇق. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا ئاڭلىدۇق ۋە ئىنكاس قىلدۇق. ۋەكىللەر ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ژۇرنال ۋە قانۇن كىتابلىرىغا مۇشتەرى بولۇش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت ئۇچۇرى ۋە ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مۇھىم خىزمەتلەردىن ۋەكىللەرنى قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالدىن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق. ۋەكىللەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشتۇرۇش، دۆلەت ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش، سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى سوت قىلىشىنى چەتتىن ئاڭلاشقا قاتناشتۇرۇش، يىغىلىپ كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دائىمىي كومىتېت تەشكىللىگەن قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ۋەكىللەرنىڭ يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيىتىنى بېيىتىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا پائال شارائىت ياراتتۇق ۋە مۇلازىمەت قىلدۇق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەمكارلىشىش، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە رولىنى خېلى ياخشى جارى قىلدۇردى.
تەكلىپ ۋە تەۋسىيە بېرىش ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىدىكى مۇھىم شەكىل. بىز ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيىلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىپ، تەۋسىيىنىڭ دائىرىسى ۋە تەكلىپ، تەۋسىيە بېرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەكلىپ، تەۋسىيىلەرنى بېجىرىش خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇردۇق ۋە ياخشىلىدۇق ھەمدە بېجىرىش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلاش، ۋەكىللەر ۋە كومىتېت ئەزالىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ، تەۋسىيىلەرنىڭ بېجىرىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق. بېجىرگۈچى ئورۇنلار بېجىرىش خىزمىتىنى پائال ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا نەق مەيداندا بېجىرىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلىشىش، ۋەكىللەردىن پىكىر ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدا يۈكسەك جاۋابكار بولۇش روھى بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن دېموكراتىيە ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى بېكىتكەن تەكلىپتىن 55نى، تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىردىن 4420نى بەردى. تەكلىپ ۋە تەۋسىيىنىڭ مەزمۇنى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقېتىمقى يىغىنلىرىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ ۋە تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يەتتە نىزام چىقىرىلدى، 16سى نىزام چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، تەييارلىنىۋاتىدۇ ياكى دەلىللىنىۋاتىدۇ.
بىز ئەرزىيەت خىزمىتىنى جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى ئىگىلەيدىغان، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم يول ۋە ئۇسۇل قىلدۇق. خىزمەت ئاپپاراتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خادىملارنى تولۇقلاش، كەسپىي جەھەتتە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەرزىيەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئەرزىيەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش، خەلق قۇرۇلتىيى ئەرزىيەت خىزمىتىدە يېڭى مېخانىزم بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئەرزىيەت خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتۇق ۋە ياخشىلىدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىدىن جەمئىي 63مىڭ 921ئادەم(قېتىم)كۈتۈۋالدۇق، ئەرز خېتىدىن 8166پارچە تاپشۇرۇۋالدۇق، ئەرز – شىكايەت دېلوسىدىن 1326نى قوبۇل قىلدۇق. ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ، ئالاقىدار ئورگان ۋە تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە ۋاقتىدا تاپشۇردى. بەزى مۇھىم ئەرزلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلارغا بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماسلاشتۇردۇق ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. بېجىرىشكە كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك قىلىنغاچقا، ئەرزىيەتتە ئىنكاس قىلىنغان بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار، شۇنىڭدەك بەزى ئەرز شىكايەت دېلولىرى تەكشۈرۈلۈپ ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى قوغدالدى.
4. قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيىسىدە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى
قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيىسى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ تاكتىكىسىنى يولغا قويۇشتىكى ئۇل خىزمەت. بىز قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيىسىنى باشتىن – ئاخىر مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹4 – بەش يىللىق›› قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، ‹‹5 – بەش يىللىق›› قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا قارار چىقاردۇق. ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى، نەرسە ھوقۇقى قانۇنى توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك قانۇنى كۇرسى ئېچىپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، ئورگان خادىملىرى، ‹‹ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە››، ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ھەردەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇن ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، يېڭىدىن چىقىرىلغان دۆلەت قانۇنى ۋە يەرلىك نىزاملارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتتۇق. نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئامما ئارىسىدا تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. قانۇن – نىزاملارنى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بەردۇق.
خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىنى خاتىرىلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، خاتىرە توپلىمى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرۇش، مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش، گېزىتتە خاتىرە مەخسۇس بېتى چىقىرىش، تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى ئىشلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خاراكتېرى، ئورنى ۋە رولىغا بولغان تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتۇق. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات تەشۋىقاتىنى ياخشىلىشى ۋە كۈچەيتىشىنى پائال قوللاپ، خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مۇدىرلار يىغىنى ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتتۇق. مۇخبىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ زىيارەت قىلىشقا، جايلارنىڭ دېموكراتىيە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى، ئەرزىيەت خىزمىتى، نازارەتچىلىك خىزمىتى، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى سىستېمىلىق تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللىدۇق. ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات – تەشۋىقات كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تەشۋىق قىلىنغان ياخشى خەۋەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت – بايلىق ئاسراش ئاخبارات مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تەشۋىقات خىزمىتى سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى تور پونكىتىنى قۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات – تەشۋىقات يولىنى كېڭەيتتۇق. ‹‹شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى›› ژۇرنىلى ۋە ‹‹دائىمىي كومىتېت ئاخباراتى››نىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردۇق.
5. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش ھوقۇقى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلدى
يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. ئاساسىي قانۇن، سايلام قانۇنى، يەرلىك تەشكىلىي قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم ئوبلاستلىق(شەھەرلىك)، ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق)، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلدۇق ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدۇق. دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ۋاقتى توغرىسىدىكى قارارنى ۋە ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر سانى توغرىسىدىكى قارارنى ۋاقتىدا چىقاردۇق. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى خىزمىتى يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سايلام خىزمىتى تايانچلىرىنى تەربىيىلىدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ دېموكراتىيىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، قانۇن تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن جەمئىي 59مىڭ 775ى سايلاپ چىقىلدى، ۋەكىللەرنىڭ ساپاسى يەنىمۇ ئۆستى، قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
بىز كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش بىلەن كادىرلارنى قانۇن بويىچە تەيىنلەش – قالدۇرۇشنىڭ بىرلىكى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك تەشكىلىي قانۇن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە تەرتىپكە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئورگىنى خادىمىدىن 1450نى تەيىنلىدۇق، قالدۇردۇق، تەيىنلەش – قالدۇرۇشنى قارار قىلدۇق ۋە تەستىقلىدۇق.
6. دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى
ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. بىز دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىدا ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قارار چىقاردۇق. ئىدىيىۋى –سىياسىي قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ – چوڭ تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىشنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قارالمىسىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە ئورگان خادىملىرىنىڭ پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە ئىرادىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسىتىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىش، تۈزىتىش، ئالاقىدار قائىدە تۈزۈملەرنى تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاشتا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش ئارقىلىق، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردۇق. دائىملىق كەسپىي ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى قارالمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، ئالاقىدار قانۇن ۋە ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە ئورگان خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈردۇق. دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت تۈزۈمى، ئىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دائىمىي كومىتېت خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قانۇنلىشىشى، قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئورگاننىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىمىزنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىمىز ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت شارائىتى يارىتىلدى.
ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كەسپىي خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈردۇق. ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە كەسپىي تايانچلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىدىن 1500ئادەم (قېتىم)دىن كۆپرەك تەربىيىلىدۇق. ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشتۇردۇق ھەمدە ‹‹خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئۇچۇرى››نى تۈزۈپ تارقىتىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەت ۋە قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىۋېلىشىغا ياردەملەشتۇق.
تاشقى ئالاقە ۋە باردى – كەلدى كۈچەيتىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك ۋە قېرىنداش ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىن شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، تەكشۈرۈشكە كەلگەن 762تۈركۈمدىكى 7000دىن كۆپرەك مېھماننى كۈتۈۋېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئارا ئۆگەندۇق ۋە ئالماشتۇردۇق. 20نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا زىيارەت ئۆمىكى ئەۋەتتۇق، ‹‹جۇڭگو – روسىيە يىلى›› ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەل پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن زىيارەتكە كەلگەن 18تۈركۈم مېھماننى كۈتۈۋالدۇق. ئىچكى – تاشقى باردى – كەلدى ئارقىلىق، نەزەر دائىرىمىز كېڭەيدى، دوستلۇقىمىز كۈچەيدى، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى كەڭ تەشۋىق قىلىندى.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تارىخىي بۇرچىنى غەلىبىلىك ئادا قىلدى. بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت نەتىجىلىرىمىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلدى. بەش يىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بىزگە ماسلىشىپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خىزمىتىمىزنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. ‹‹ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە›› خىزمىتىمىزگە پائال ماسلاشتى. دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى خادىملارمۇ خىزمەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەرقايسىلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
بەش يىلدىن بۇيانقى ئاساسىي تەسىراتلار ۋە تەجرىبىلەر
بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمىتىمىزنى خۇلاسىلىگىنىمىزدە، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە چىڭ تۇرۇش لازىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق:
بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيىۋى ئاساسى، شۇنداقلا يەنە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى، شۇنىڭدەك، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەرنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ۋە قانۇنچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈپ تەلىپى. بۇ ئۈچىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك تۈپ پرىنسىپ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيىنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، مۇھىم خىزمەت، چوڭ – چوڭ ئىشلاردا پارتكومدىن يوليورۇق سوراش ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى، پارتىيىنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇشى، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ – چوڭ تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈزۈم ۋە قانۇن جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشى؛ دېموكراتىك كېڭىشىش ۋە دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئىشلارغا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تەدبىرنى ئىلمىي، دېموكراتىك بەلگىلىشى؛ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززىتى ۋە نوپۇزىنى قوغدىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە جەزمەن سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش كېرەك. خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنى، دۆلىتىمىزدە بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنى خەلققە ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشنى جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇشى، خەلقنىڭ رايىغا بېقىشى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى جەزمەن باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق رايىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى توغرا ئىپادىلەپ، تەڭشەپ ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
تۆتىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ جېنى. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ھاياتىي كۈچنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشتا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ساھەگە يۈرۈش قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇشەققەتلىك ۋەزىپە. بەش يىلدىن بۇيان، بىز بۇ جەھەتتە تىرىشىپ، بەزى ياخشى تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. لېكىن، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدىغان خىزمەتلەرنى، بولۇپمۇ نىزام چىقىرىش خىزمىتى، نازارەتچىلىك خىزمىتى ۋە ۋەكىللەر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىشىمىزغا ۋە كۈچەيتىشىمىزگە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ رولىنى يەنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا، خەلقنىڭ سىياسىي ئىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك 17–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باش شۇجى خۇجىنتاۋ دوكلاتىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى ۋە پارلاق كەلگۈسىنى تەسۋىرلەپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ 32–نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي تەلىپى، يېتەكچى پرىنسىپى، ئىستراتېگىيىلىك نىشانى ۋە سىياسەت – تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت يارىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك پارتكوم 5 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ‹‹11 – بەش›› يىلنىڭ كېيىنكى ئۈچ يىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى، يېڭى نىشانى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلىرىمىزدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش كېرەكلىكى بېكىتىلدى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىۋاتقان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە تۇرماقتا. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىغا دەۋر يۈكلىگەن زور مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچ.
يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك پارتكوم 5 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىمىزنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەر ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇشىمىز ۋە ئۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ھەېرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈشىمىز لازىم. ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشىمىز لازىم. ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، تېخىمۇ روھلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئىسلاھات، ئىجادكارلىق روھى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز لازىم.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز ۋە ياخشىلىشىمىز لازىم. نىزامنى ئىلمىي، دېموكراتىك چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزامدا يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىقىرىلغان نىزاملارنىڭ قاراتمىلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلە، ئىستراتېگىيىلىك مەسىلە ۋە جىددىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نىزام سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. نازارەتچىلىك قانۇنىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى، ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى، ئىززىتى ۋە نوپۇزىنى قوغدىشىمىز لازىم. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاڭلىق ھالدا قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش كەيپىياتىنى يارىتىشىمىز لازىم. ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش يولىدا بوشاشماي تىرىشىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز ۋە سەپەرۋەر قىلىشىمىز لازىم. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز لازىم.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىللىنىپ بولدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتمۇ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئىشىنىمىزكى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چوقۇم خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ھەقىقىي يۈرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ!
|