|
(2008- يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ 4 -ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى بىلەن ھەم ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2008- يىللىق شۇ دەرىجىلىك خام چوتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋەن خەيچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2007- يىللىق مالىيە خام چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2008- يىللىق مالىيە خام چوتى لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلات›› (يازما)نى تەستىقلاشنى قارار قىلدى، مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى 2008- يىللىق مالىيە خام چوتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىگە قوشۇلدى.
|