باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ ھۆ-كۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى
2008- 01- 23 14:22 شىنجاڭ گېزىتى

(2008- يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرى بەرگەن ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› نى مۇزاكىرە قىلدى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمىتىدىن رازى بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە 2008- يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قوشۇلدى. يىغىن بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

   يىغىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك پارتكوم 5 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تەرەققىياتنى ئاۋۋال ياخشى قىلىش، ياخشى قىلىش داۋامىدا تېزلىتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساق-لاپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئالغا بېسىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى!
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ