باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
ئەركىن تۇنىيازنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2008- 01- 23 13:01 شىنجاڭ گېزىتى

   ئەركىن تۇنىياز، 1961- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئاقسۇدىن، 1983- يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1983- يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي - ئىقتىساد كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ماگىستىر، لېكتور.

   1980- يىلى 9 - ئايدىن 1983- يىلى 8 - ئايغىچە سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپى مەخسۇس كۇرسىدا ئوقۇغان؛

   1983- يىلى 8 - ئايدىن 1984- يىلى 9 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

   1984- يىلى 9 - ئايدىن 1987- يىلى 6 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1986- يىلى 9 - ئايدىن 1987- يىلى 1 - ئايغىچە شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇش بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛

   1987- يىلى 6 - ئايدىن 1991 - يىلى 11 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1988- يىلى 8 - ئايدىن 1990- يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان)؛

   1991 - يىلى 11 - ئايدىن 1992- يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى سىناش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش - ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش - جازالاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

   1992- يىلى 8 - ئايدىن 1993- يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

   1993- يىلى 11 - ئايدىن 1998- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى زىيالىيلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛

   1998- يىلى 3 - ئايدىن 1999- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى بولغان(1997- يىلى 9 - ئايدىن 1999- يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي - ئىقتىساد كەسپى ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

   1999- يىلى 10- ئايدىن 2005- يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

   2005- يىلى 2 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى.

   ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.                     
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ