|

دەي گۇڭشىن، ئەر، خەنزۇ، 1954- يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، جياڭشى رۈيچاڭدىن، 1972- يىلى 1 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1977- يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي - ئىقتىساد فاكۇلتېتى سىياسىي- ئىقتىساد كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادچى.
1972- يىلى 12- ئايدىن 1974- يىلى 9 - ئايغىچە جياڭشى ئۆلكىسى رۈيچاڭ ناھىيىسى تۇڭلىڭ دادۈيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
1974- يىلى 9 - ئايدىن 1977- يىلى 9 - ئايغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي - ئىقتىساد فاكۇلتېتى سىياسىي - ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان.
1977- يىلى 9 - ئايدىن 1986- يىلى 12- ئايغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى پىلان گۇرۇپپىسى، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىدارىسى، مەبلەغ سېلىش ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1986- يىلى 2 - ئايدىن 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى دۆلەت ئورگىنى شۆبىسىنىڭ دۆلەت پىلان كومىتېتى كادىرلىرى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛
1986- يىلى 12- ئايدىن 1993- يىلى 6 - ئايغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى يەرلىك باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، غەيرىي سانائەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1993- يىلى 6 - ئايدىن 1994- يىلى 6 - ئايغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى يەرلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1994- يىلى 6 - ئايدىن 1995- يىلى 12- ئايغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1995- يىلى 12- ئايدىن 1998- يىلى 6 - ئايغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1998- يىلى 6 - ئايدىن 2000- يىلى 3 - ئايغىچە دۆلەت تەرەققىيات - پىلان كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مەھىكمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (1996- يىلى 12- ئايدىن 1998- يىلى 11 - ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى مەبلەغ سېلىش فاكۇلتېتى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2000- يىلى 3 - ئايدىن 2006- يىلى 4 - ئايغىچە جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2000- يىلى 5 - ئايدىن 2002 - يىلى 11 - ئايغىچە ئامېرىكا ترۇ خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى سودا - سانائەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى <شاڭخەي خۇادۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلاشقان>دا ئوقۇغان؛ 2003- يىلى 3 - ئايدىن 2004- يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
6002 - يىلى 4 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (7002 - يىلى 9 - ئايدىن 11 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان(.
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
|