|

خۇ ۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1962- يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ دېچىڭدىن، 1984- يىلى 3 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1982- يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئەمەلىي سوتسىئولوگىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى.
1978- يىلى 11 - ئايدىن 1982- يىلى 8 - ئايغىچە خاڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان؛
1982- يىلى 8 - ئايدىن 1984- يىلى 4 - ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى دېچىڭ ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ كادىرى بولغان؛
1984- يىلى 4 - ئايدىن 1984- يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى دېچىڭ ناھىيىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
1984- يىلى 5 - ئايدىن 1984- يىلى 8 - ئايغىچە كوممۇنستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
1984- يىلى 8 - ئايدىن 1986- يىلى 8 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
1986- يىلى 8 - ئايدىن 1987- يىلى 4 - ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
1987- يىلى 4 - ئايدىن 1989- يىلى 10- ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
1989- يىلى 10- ئايدىن 1989- يىلى 12- ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
1989- يىلى 12- ئايدىن 1990- يىلى 4 - ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ھاكىم، مۇۋەققەت ھاكىم بولغان؛
1990- يىلى 3 - ئايدىن 1992- يىلى 11 - ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان؛
1992- يىلى 11 - ئايدىن 1994- يىلى 8 - ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1993- يىلى 9 - ئايدىن 1994- يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
1994- يىلى 8 - ئايدىن 1998- يىلى 12- ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (1993- يىلى 9 - ئايدىن 1996- يىلى 1 - ئايغىچە ئىشلەۋېتىپ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئاسپىرانتلار سىنىپى قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان)؛
1998- يىلى 12- ئايدىن 2001- يىلى 10- ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان (2000- يىلى 12- ئايدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان)؛
2001- يىلى 10- ئايدىن 2004- يىلى 1 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2004- يىلى 1 - ئايدىن 2005- يىلى 7- ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2005- يىلى 3 - ئايدىن 4 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 2002 - يىلى 9 - ئايدىن 2005- يىلى 7 - ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئەمەلىي سوتسىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان)؛
2005- يىلى 7 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
|