|

چۆجۈپ، ئەر، موڭغۇل، 1950- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ تېكەستىن، 1971- يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1969- يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللىي كادىرلارنى تەربىيىلىەش سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1969- يىلى 12- ئايدىن 1978- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونى مۇستەقىل ليەنىدە جەڭچى، بەنجاڭ، مۇئاۋىن پەيجاڭ، شۆبە ھەربىي رايون يېتەكچىلەر ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، يېتەكچىلەر ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان(مۇئاۋىن يىڭ دەرىجىلىك)؛
1978- يىلى 9 - ئايدىن 1980- يىلى 4 - ئايغىچە خېبېي شىجياجۇاڭ ئالىي پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپىدە ئوقۇغان؛
1980- يىلى 4 - ئايدىن 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېكەس ناھىيىلىىك خەلق قوراللىق كۈچلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن يىڭ دەرىجىلىك سەنمۇسى بولغان؛
1980- يىلى 10- ئايدىن 1982- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئىلى شۆبە ھەربىي رايونى سىلىڭبۇسى سەپەرۋەرلىك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن يىڭ دەرىجىلىك سەنمۇسى بولغان؛
1982- يىلى 3 - ئايدىن 1983- يىلى 3 - ئايغىچە شىمالىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى يېتەكچىلەر چوڭ ئەترىتى 5 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي يېتەكچىسى بولغان؛
1983- يىلى 3 - ئايدىن 1984- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېكەس ناھىيىلىىك خەلق قوراللىق كۈچلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1984- يىلى 9 - ئايدىن 1987- يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېكەس ناھىيىلىىك خەلق قوراللىق كۈچلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1987- يىلى 5 - ئايدىن 1988- يىلى 4 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىىك خەلق قوراللىق كۈچلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان(1985- يىلى 9 - ئايدىن 1987- يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللىي كادىرلارنى تەربىيىلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
1988- يىلى 4 - ئايدىن 1989- يىلى 8 - ئايغىچە ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ تەقسىماتنى كۈتۈپ تۇرغان؛
1989- يىلى 8 - ئايدىن 1993- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېكەس ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان(ھاكىم دەرىجىلىك)؛
1993- يىلى 9 - ئايدىن 1994- يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولغان؛
1994- يىلى 11 - ئايدىن 2000- يىلى 4 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسى - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995- يىلى 12- ئايدىن 1996- يىلى 1 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان)؛
2000- يىلى 4 - ئايدىن 2001- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى بولغان 2000- يىلى 3 - ئايدىن 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان؛
2001- يىلى 3 - ئايدىن 2007- يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2005- يىلى 9 - ئايدىن 2006- يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2007- يىلى 11 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
|