|

مەمتىمىن ياسىن، 1951- يىلى 9 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قەشقەردىن، 1975- يىلى 8 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1970- يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1965- يىلى 8 - ئايدىن 1970- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپنىڭ فېلدىشېرلىق سىنىپىدا ئوقۇغان؛
1970- يىلى 3 - ئايدىن 1973- يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەكەن ناھىيىسى 14- گۇڭشېسى شىپاخانىسىدا ئىشلىگەن؛
1973- يىلى 5 - ئايدىن 1979- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرى ئاۋات گۇڭشېسى شىپاخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1979- يىلى 9 - ئايدىن 1980- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1980- يىلى 10- ئايدىن 1984- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1982- يىلى 9 - ئايدىن 1983- يىلى 7 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
1984- يىلى 3 - ئايدىن 1986- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1984- يىلى 8 - ئايدىن 1986- يىلى 8 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە، مەمۇرىيەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛
1986- يىلى 10- ئايدىن 1992- يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1992- يىلى 6 - ئايدىن 1993- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى بولغان. (بۇ مەزگىلدە: 1992- يىلى 8 - ئايدىن 1993- يىلى 1 - ئايغىچە بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ ناھىيىسىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىققان)؛
1993- يىلى 3 - ئايدىن 1995- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان. (بۇ مەزگىلدە: 1994- يىلى 9 - ئايدىن 1995- يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكىتپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
1995- يىلى 9 - ئايدىن 1996- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان؛
1996- يىلى 10- ئايدىن 2000- يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛
2000- يىلى 7 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى. (2002 - يىلى 3 - ئايدىن 2003- يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 2003- يىلى 3 - ئايدىن 2005- يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان).
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
|