|

نەيىم ياسىن، 1952- يىلى11 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ تۇرپاندىن، 1975- يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1972- يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي تەربىيە فاكۇلتېتى سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1972- يىلى 2 - ئايدىن 1973- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان؛
1973- يىلى 3 - ئايدىن 1975- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل يېزىسى ئالغا 1 - دادۈيىدە ئوقۇتقۇچى بولغان؛
1975- يىلى 9 - ئايدىن 1978- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي تەربىيە فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي تەربىيە كەسپىدە ئوقۇغان؛
1978- يىلى 9 - ئايدىن 1984- يىلى 1– ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛
1984- يىلى 1 - ئايدىن 1984- يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1984- يىلى 5 - ئايدىن 1990- يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1987- يىلى 9 - ئايدىن 1988- يىلى 1 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
1990- يىلى 2 - ئايدىن 1991 - يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛
1991 - يىلى 12- ئايدىن 1992- يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
1992- يىلى 5 - ئايدىن 1994- يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (نازىر دەرىجىلىك)، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1992- يىلى 9 - ئايدىن 1993- يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
1994- يىلى 5 - ئايدىن 2006- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1999- يىلى 5 - ئايدىن 11 - ئايغىچە دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى سۈپەتنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش مەھكىمىسىدە مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان؛ 2004- يىلى 5 - ئايدىن 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ نازىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2006- يىلى 1 - ئايدىن 2006- يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛
2006- يىلى 2 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى.
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
|