باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
ۋەكىللەر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا .....
2008- 01- 23 11:53 تەڭرىتاغ تورى

     ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلىتىيى 1 – يىغىنى 22 – يانۋار غەلبىلىك ھالدا يېپىلدى .  ۋەكىللەر ھاياجانلانغان ھالدا بۇ بىر قېتىملىق ئىتتىپاقلىق يىغىنى شۇنداقلا كىشىنى ئالغا قاراپ ئىلگىرلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان يىغىن بولدى دېيىشتى .

       سانائەت سېپىدىن كەلگەن ۋەكىل قۇربان ئەزىز مۇنداق دېدى : ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلىنىپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ ، دوكلاتتا ئوتتۇرغا قويۇلغان يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى مېنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى . مەن خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، باشلامچىلىق رولۇمنى جارىي قىلدۇرۇپ ، ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان تەلەپلەر بويىچە تىرىشپ ياخشى ئىشلەپ ، رايونىمىز سانائەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن .

     قۇمۇل ۋىلايىتىدىن كەلگەن ۋەكىل مەلىكە ئەخمەت مۇنداق دېدى : مەن ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ئىشچى ، قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولۇپ سايلانغانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇم . بۇ قېتىمقى دوكلاتتا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسلىسى ئەتراپلىك ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ ، بۇ مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى . مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن قۇرۇلتاي روھىنى يۇرتۇمدىكى دېھقان ، چارۋىچى دوستلارغا يەتكۈزىمەن .

      قەشقەردىن كەلگەن ۋەكىل رىزۋانگۈل ئابلەت مۇنداق دېدى : مەن قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ يىغىنغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم شەرەپ ھېس قىلدىم . دوكلاتتا رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇلغان بولۇپ ، بۇ مېنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇردى ، مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن .

ۋەكىللەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ