|

روزى ئىسمائىل، 1947- يىلى 5 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ يېڭىشەھەردىن، 1971- يىلى 3 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1964- يىلى 6 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئىشلەۋېتىپ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى قانۇنشۇناسلىق كەسپى ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2 - دەرىجىلىك باش سودىيە.
1964- يىلى 6 - ئايدىن 1965- يىلى 8 - ئايغىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە سوتسىيالىستىك تەربىيىگە قاتناشقان؛
1965- يىلى 8 - ئايدىن 1969- يىلى 12 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1965- يىلى 12- ئايدىن 1966- يىلى 12- ئايغىچە مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1969- يىلى 12- ئايدىن 1975- يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىدا تەرجىمان بولغان؛
1975- يىلى 6 - ئايدىن 1976- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك داجەي تەجرىبىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛
1976- يىلى 3 - ئايدىن 1980- يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 1 - باشقارمىسىدا مەخسۇس ۋەزىپىدىكى كاتىپ، دائىمىي كومىتېت ئىشخانىسى 1 - گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان؛
1980- يىلى 2 - ئايدىن 1987- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1984- يىلى 9 - ئايدىن 1986- يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى پارتىيە، مەمۇرىي باشقۇرۇش كادىرلىرى ئاساس كەسپىدە ئوقۇغان)؛
1987- يىلى 3 - ئايدىن 1991 - يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئەرزىيەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1991 - يىلى 12- ئايدىن 1996- يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1994- يىلى 9 - ئايدىن 1995- يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
1996- يىلى 6 - ئايدىن 2002 - يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1997- يىلى 9 - ئايدىن 1998- يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش -ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1997- يىلى 9 - ئايدىن 2000- يىلى 7 - ئايغىچە ئىشلەۋېتىپ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى قانۇنشۇناسلىق كەسپى ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2002 - يىلى 1 - ئايدىن 2006- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى(نازىر دەرىجىلىك)بولغان؛
2006- يىلى 1 - ئايدىن 2006- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان؛
2006- يىلى 3 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنىتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
|