باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
جاپپار ھەبىبۇللانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2008- 01- 23 11:22 شىنجاڭ گېزىتى

   جاپپار ھەبىبۇللا، 1952- يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ جىمىساردىن، 1982- يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1971- يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

   1971- يىلى 9 - ئايدىن 1972- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۇڭچۈەن كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان؛

   1972- يىلى 12- ئايدىن 1976- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

   1976- يىلى 9 - ئايدىن 1979- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان؛

   1979- يىلى 10- ئايدىن 1983- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛

   1983- يىلى 12- ئايدىن 1989- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەمگەك - كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان(1983- يىلى 9 - ئايدىن 1985- يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم  پارتىيە مەكتىپى ياش - ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش ئالىي تېخنىكوم سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

   1989- يىلى 9 - ئايدىن 1993- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛

   1993- يىلى 3 - ئايدىن 1996- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1995- يىلى 3 - ئايدىن 7 - ئايغچىە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1996- يىلى 5 - ئايدىن 11 - ئايغىچە دۆلەت پەن - تېخنىكا كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ چېنىققان)؛

   1996- يىلى 12- ئايدىن 1997- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان؛

   1997- يىلى 12- ئايدىن 1998- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

   1998- يىلى 1 - ئايدىن 2001- يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر بولغان؛

   2001- يىلى 6 - ئايدىن 2005- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر، ئاپتونوم رايونلۇ ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى بولغان؛

   2005- يىلى 1 - ئايدىن 2005- يىلى 4 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى بولغان؛

   2005- يىلى 4 - ئايدىن 2005- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى بولغان؛

   2005- يىلى 9 - ئايدىن 2007- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسى - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى بولغان؛

   2007- يىلى 3 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسى - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى.

   ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ