|

كۈرەش مەخسۇت، 1960- يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ گۇمىدىن، 1984- يىلى 1 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1977- يىلى 1 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1977- يىلى 1 - ئايدىن 1977- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۆلچەش - سىزىش چوڭ ئەترىتى تەلىم - تەربىيە ئەترىتىدە ئوقۇغان؛
1977- يىلى 9 - ئايدىن 1979- يىلى 2 - ئايغىچە جېڭجۇ ئازادلىق ئارمىيە ئۆلچەش - سىزىش ئىنستىتۇتى ئاۋىئاتسىيىلىك ئۆلچەش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛
1979- يىلى 2 - ئايدىن 1980- يىلى 9 - ئايغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى ئىككىنچى ئۆلچەش - سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە ئەترىتىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش خادىمى بولغان؛
1980- يىلى 9 - ئايدىن 1982- يىلى 2 - ئايغىچە گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئۆلچەش - سىزىش چوڭ ئەترىتى ئاۋىئاتسىيىلىك ئۆلچەش ئىچكى كەسپىي ئەترىتىدە تېخنىك بولغان؛
1982- يىلى 2 - ئايدىن 1986- يىلى 7 - ئايغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى ئىككىنچى ئۆلچەش - سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە ئەترىتى، ئاۋىئاتسىيىلىك ئۆلچەش ئىچكى كەسپىي ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان؛
1986- يىلى 7 - ئايدىن 1988- يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتۇش باشقارمىسى، ئىشتىن سىرتقى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1988- يىلى 5 - ئايدىن 1992- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ كادىرى بولغان؛
1992- يىلى 12- ئايدىن 1993- يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى 3 - باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1993- يىلى 2 - ئايدىن 1996- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى) ئىنتىزام تەكشۈرۈش - مەمۇرىي تەپتىش 2 - ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما دەرىجىلىك) بولغان؛
1996- يىلى 1 - ئايدىن 1998- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
1998- يىلى 10- ئايدىن 2000- يىلى 4 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان (1996- يىلى 8 - ئايدىن 1998- يىلى 12- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛
2000- يىلى 4 - ئايدىن 2003- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛
2003- يىلى 1 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (2001- يىلى 9 - ئايدىن 2004- يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان).
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
|