باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
چيەن جىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2008- 01- 23 11:07 شىنجاڭ گېزىتى

چيەن جى، ئەر، خەنزۇ، 1956- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ شاڭخېدىن، 1985- يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1975- يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1975- يىلى 9 - ئايدىن 1978- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشچى بولغان؛

1978- يىلى 3 - ئايدىن 1982- يىلى 2 - ئايغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي  ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان؛

1982- يىلى 2 - ئايدىن 1985- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

1985- يىلى 9 - ئايدىن 1991 - يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

1991 - يىلى 1 - ئايدىن 1992- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1991 - يىلى 9 - ئايدىن 1992- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛

1992- يىلى 10- ئايدىن 1993- يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛

1993- يىلى 2 - ئايدىن 1996- يىلى 12-  ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، چۆچەك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە:  1995- يىلى 6 - ئايدىن 11 -  ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھىرى تەيشەن رايونلۇق پارتكومدا مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان)؛

1996- يىلى 12- ئايدىن 1998- يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

1998- يىلى 5 - ئايدىن 2001- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى بولغان؛

2001- يىلى 3 - ئايدىن 2001- يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 13- شىسى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى بولغان؛

2001- يىلى 8 - ئايدىن 2005- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 6 - شىسى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى،  1 - سىياسىي كومىسسارى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 2004- يىلى 10- ئايدىن 11 - ئايغىچە جۇڭگو جىڭگاڭشەن كادىرلار ئىنستىتۇتى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛

2005- يىلى 1 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى(2006- يىلى 11 - ئايدىن 12- ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئاۋسترالىيىدە ئۇيۇشتۇرغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە يېزا قۇرۇلۇشى 1 - قارارلىق مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇغان).
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ