|

لى جى، ئەر، 1950- يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي لىشىندىن، 1971- يىلى 3 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1969- يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئاسپرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئالىي ئىقتىسادچى.
1969- يىلى 12- ئايدىن 1974- يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى گارنىزونى ئوت ئۆچۈرۈش يىڭىنىڭ كاتىپى بولغان؛
1974- يىلى 7 - ئايدىن 1974- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىلقا ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسى ئاشلىق دۇكىنىدا ئىشچى بولغان؛
1974- يىلى 10- ئايدىن 1977- يىلى 10- ئايغىچە نەنچۇڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتى بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان؛
1977- يىلى 10- ئايدىن 1985- يىلى 4 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك سانائەت نازارىتى تەمىنات - سودا شىركىتى خام ئەشيا بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛
1985- يىلى 4 - ئايدىن 1987- يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك سانائەت نازارىتى تەمىنات - سودا شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1987- يىلى 2 - ئايدىن 1990- يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ كادىرى، مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛
1990- يىلى 2 - ئايدىن 1993- يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك سانائەت خام ئەشيا بازىسى تەرەققىيات شىركىتى قۇلماق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، دىرېكتور ياردەمچىسى بولغان؛
1993- يىلى 2 - ئايدىن 1996- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك سانائەت نازارىتى تەمىنات - سودا شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور، قوشۇمچە شىنجاڭ قۇلماق پاي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995- يىلى 9 - ئايدىن 1996- يىلى 7 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
1996- يىلى 10- ئايدىن 1997- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك سانائەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر بولغان؛
1997- يىلى 12- ئايدىن 2000- يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك سانائەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1998- يىلى 9 - ئايدىن 2000- يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 2000- يىلى 3 - ئايدىن 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2000- يىلى 7 - ئايدىن 2001- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
2001- يىلى 1 - ئايدىن 2001- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2001- يىلى 3 - ئايدىن 2005- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 5 - شى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى بولغان؛
2005- يىلى 1 - ئايدىن 2005- يىلى 4 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2005- يىلى 4 - ئايدىن 2006- يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 6 - شىسى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى بولغان؛
2006- يىلى 11 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 12- شىسى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى.
مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
)ئاخىرى 6 - بەتتە(
|