باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
ئالپىسباي راقىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2008- 01- 23 10:49 شىنجاڭ گېزىتى

   ئالپىسباي راقىم، ئەر، قازاق، 1948- يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، چۆچەكتىن، 1972- يىلى 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1966- يىلى 10- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللىي كادىرلارنى تەربىيىلىەش سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

   1965- يىلى 9 - ئايدىن 1966- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان؛

   1966- يىلى 10- ئايدىن 1975- يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تولى ناھىيىسى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ناھىيىلىىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

   1975- يىلى 8 - ئايدىن 1980- يىلى 4 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

   1980- يىلى 4 - ئايدىن 1983- يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

   1983- يىلى 6 - ئايدىن 1993- يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1987- يىلى 9 - ئايدىن 1988- يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1982- يىلى9 - ئايدىن 1983- يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللىي كادىرلارنى تەربىيىلىەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

   1993- يىلى 6 - ئايدىن 1996- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995- يىلى 9 - ئايدىن 1996- يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

   1996- يىلى 12- ئايدىن 1997- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائىتى نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر بولغان؛

   1997- يىلى 12- ئايدىن 1998- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، مۇۋەققەت ئوبلاست  باشلىقى بولغان؛

   1998- يىلى 3 - ئايدىن 2001- يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان؛

   2001- يىلى 6 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن قوماندان، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ