باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
دۇ چىنرۈينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2008- 01- 23 10:39 شىنجاڭ گېزىتى

  

    دۇ چىنرۈي، ئايال، 1942- يىلى 9 - ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى دىڭشياڭدىن، پارتىيىسىز - گۇرۇھسىز، 1966- يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقا، شىنجاڭ ‹‹1 - ئاۋغۇست›› يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئىنژېنېر.

   1960- يىلى 9 - ئايدىن 1962- يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ‹‹1 - ئاۋغۇست›› يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى يېزا ئىگىلىك فىزىكا كەسپىدە ئوقۇغان؛

   1962- يىلى 7 - ئايدىن 1966- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ‹‹1 - ئاۋغۇست››  يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىدە ئوقۇغان؛

   1966- يىلى 9 - ئايدىن 1975- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونت زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى، سېخ مۇدىرى بولغان؛

   1975- يىلى 12- ئايدىن 1985- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئورنىنىڭ كادىرى بولغان؛

   1985- يىلى 1 - ئايدىن 1986- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

   1986- يىلى 12- ئايدىن 1992- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئورنىنىڭ ئىنژېنېرى، ئالىي ئىنژېنېرى بولغان؛

   1992- يىلى 3 - ئايدىن 1993- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان؛

   1993- يىلى 1 - ئايدىن 1999- يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛

   1999- يىلى 9 - ئايدىن 2003- يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

   2003- يىلى 1 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ