|

بۈگۈن ( 2008–يىلى 22 – يانۋار ) چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 3 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزدى . يىغىندا ئەركىن ئىمىرباقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى .
ئەركىن ئىمىرباقى ئەر ، ئۇيغۇر 1953– يىلى 9– ئايدا تۇغۇلغان، قەشقەر يېڭىساردىن. 1980– يىلى 6– ئايدا پارتىيىگە كىرگەن. 1971– يىلى 3–ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. غەربىي –شىمال يېنىك سانائەت ئېنىستىتوتى يېنىك سانائەت 2–فاكولتېتى سىلىكات تۇزلىرى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1971–يىلى 3–ئايدىن 1972–يىلى 9–ئايغىچە ئۈرۈمچى ناھىيىسى شەرق شامىلى گۇڭشىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1972–يىلى 9–ئايدىن 1974–يىلى 10–ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1974 –يىلى10–ئايدىن 1977–يىلى 10–ئايغىچە، غەربىي –شىمال يېنىك سانائەت ئېنىستىتوتىنىڭ يېنىك سانائەت 2–فاكولتېتى سىلىكات تۇزلىرى كەسپىدە ئوقۇغان. 1977–يىلى 10–ئايدىن 1984–يىلى 1–ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنە زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى، سېخ مۇدىرى، زاۋۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، زاۋۇتنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى بولغان. 1984–يىلى 1–ئايدىن 1986–يىلى 11–ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان، 1986–يىلى 11–ئايدىن 1992–يىلى 9–ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. (بۇ مەزگىلدە 1989–يىلى 5–ئايدىن 1992–يىلى 2–ئايغىچە جۇڭگو –سوۋىت–تاشكەنت خەلقئارا چايدان چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ دىرېكتورى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ۋاقىتلىق شۇجىسى بولغان).1992–يىلى 9–ئايدىن 1994–يىلى 11–ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1994–يىلى 11–ئايدىن 1997–يىلى 7–ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد–سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1997–يىلى 7–ئايدىن 1999–يىلى 9–ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنسازلىق ئېلېكترون سانائىتى نازارىتىنىڭ (دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىشخانىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى (مۇدىرى) بولغان. 1999–يىلى 9–ئايدىن 2001–يىلى 1–ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2001–يىلى 1–ئايدىن 10–ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2001–يىلى 10–ئايدىن 2004–يىلى 9–ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2004–يىلى 9–ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مال–مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن .
|