|

خۇاڭ چاڭيۈەن، ئەر، خەنزۇ، 1950- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، سىچۈەننىڭ رېنشۇ دىن، 1971- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1970- يىلى 11- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ۋەزىپىدىكى ئاسپىرانتلار سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1970- يىلى 11- ئايدىن 1975- يىلى 12- ئايغىچە، ھاۋا ئارمىيە ۋۇخەندە تۇرۇشلۇق سىلىڭبۇسىنىڭ 407- خەت- چەك ئىشخانىسىدا جەڭچى، بەنجاڭ، مۇئاۋىن دۈيجاڭ بولغان.
1975- يىلى 12- ئايدىن 1977- يىلى 12- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە كادىر بولغان.
1977- يىلى 12- ئايدىن 1978- يىلى 11- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرى بەش يۇلتۇز گۇڭشېسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
1978- يىلى 11- ئايدىن 1981- يىلى 11- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن.
1981- يىلى 11- ئايدىن 1986- يىلى 8- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1984- يىلى 3- ئايدىن 1986- يىلى 7- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى مەدەنىيەت بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان) .
1986- يىلى 8- ئايدىن 1987- يىلى 3- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
1987- يىلى 3- ئايدىن 1989- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
1989- يىلى 1- ئايدىن 1991- يىلى 7- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
1991- يىلى 7- ئايدىن 1993- يىلى 10- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
1993- يىلى 10- ئايدىن 1998- يىلى 5- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان (1995- يىلى 9- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش سىنىپىدا ئوقۇغان).
1998- يىلى 5- ئايدىن 2000- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، رەئىس ياردەمچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (1995- يىلى 9- ئايدىن 1998- يىلى 7- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ۋەزىپىدىكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان).
2000- يىلى 1- ئايدىن 2001- يىلى 1- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، رەئىس ياردەمچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
2001- يىلى 1- ئايدىن 2003- يىلى 1- ئايغىچە، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
2003- يىلى 1- ئايدىن 2008- يىلى 1- ئايغىچە، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
|