باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
ئەسقەت كەرىمباينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2008- 01- 22 12:15 شىنجاڭ گېزىتى

 ئەسقەت كەرىمباينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    ئەسقەت كەرىمباي، ئەر، قازاق، 1947- يىلى11- ئايدا تۇغۇلغان، غۇلجىدىن، 1975- يىلى 11- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1970- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە.

   1965- يىلى 9- ئايدىن 1970- يىلى 8- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان.

    1970- يىلى 8- ئايدىن 1972- يىلى 5- ئايغىچە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 9901- قىسمىدا چېنىققان.

   1972- يىلى 5- ئايدىن 1976- يىلى 10- ئايغىچە، غۇلجا ناھىيىلىك 1- چارۋىچىلىق مەيدانىدا، مەدەنىيەت- مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلىگەن.

    1976- يىلى 10- ئايدىن 1983- يىلى 12- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن.

    1983- يىلى 12- ئايدىن 1984- يىلى 12- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

   1984- يىلى 12- ئايدىن 1987- يىلى 3- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان.

   1987- يىلى 3- ئايدىن 1988- يىلى 5- ئايغىچە، ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

   1988- يىلى 5- ئايدىن 1993- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان.

   1993- يىلى 1- ئايدىن 1996- يىلى 2- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (1994-  يىلى 3- ئايدىن 1994- يىلى 5- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى- مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

   1996- يىلى 2- ئايدىن 1996- يىلى 4- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

   1996- يىلى 4- ئايدىن 2003- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

   2003- يىلى 1- ئايدىن 2006- يىلى 10- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

   2006- يىلى 10- ئايدىن 2008- يىلى 1- ئايغىچە، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

   15- نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى؛ 16- نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16- نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان؛ 17- نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ