باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 01- 22 10:28 شىنجاڭ گېزىتى

يىغىندا ئەسقەت كەرىمباي سۆز قىلدى

 سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-  نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى 21-  يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى‹‹كوئىنلۇن›› مېھمانسارىيىدا 1 -  يىغىن ئۆتكۈزدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، ليۇ ياۋخۇا، ۋاڭ يوڭمىن، قىزايجان سەلېيغۇجا، كې لى، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم ۋە باش كاتىپ بادەي يىغىنغا قاتناشتى.

   يىغىندا كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

    ئەسقەت كەرىمباي يىغىندا سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئەزالىرىغا دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز خىزمىتى بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلىش، ساھەلەرگە ۋەكىللىك قىلىش رولىنى قانداق ياخشى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ھەر دائىم ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. شۇڭا سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشقا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئوبدان ئادا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى يەنە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىتتىپاقلىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىسىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ