|

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى : 18 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى . يىغىنغا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ لېچۈەن رىياسەتچىلىك قىلدى .
يىغىنغا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن نۇر بەكرى ، نېي ۋېيگو ، ياڭ گاڭ ، ئەركىن ئىمىرباقى ، فۇ چياڭ ، خەن يۇڭ ، لى يى ، شەۋكەت ئىمىن ، نۇرلان ئابلىمەجىن ، سۇڭ ئەيرۇڭ ، جۇ خەيلۇن ، بەي جىجې ، جاڭ گولياڭ ، دۇ چىنرۇي ، مەمەت رەجەپ قاتارلىقلار قاتناشتى .
يىغىندا ، كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2007 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنش ئەھۋالى ھەمدە 2008 – يىللىق پىلان – لاھىيەنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەمدە 2007 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2008 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە خام چوت لاھىيەسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى .
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لاھىيە) ؛ 2007 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەمدە 2008 – يىللىق پىلان توغرىسىدىكى قارار (لاھىيە)؛ 2007 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2008 – يىللىق مالىيە خام چوتى توغرىسىدىكى قارار (لاھىيە ) ماقۇللاندى . بېكىتلگەن يۇقارقى لاھىيەلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ ھەمدە چوڭ يىغىننىڭ ماقۇللىقىغا سۇنىلىدۇ .

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر دوكلاتنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرمەكتە

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر دوكلاتنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرمەكتە
|